تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مىھمان كۈتۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


      مىھماندارچىلىق - قارىماققا ئاددىي پائالىيەت بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ كىشىلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە رولى ئىنتايىن چوڭ . ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى دوستانە بېرىش- كېلىش ، ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىقنى كۈچەيتىدۇ . لىكىن گەپ كەلگەن مىھماننى قانداق كۈتۈۋىلىشتا ، ئەلۋەتتە مېھمان دەسلەپ كەلگەندە ئالاھىدە جىددىي ھېسسىياتتا يەنى تارتىنىش ، قورۇنۇش ھالىتىدە بولىدۇ . ئۆي ئىگىسىنىڭ ھەر بىر سۆز ھەرىكىتىگە نىسبەتەن يۈكسەك دەرىجىدە سەزگۈر بولىدۇ . ئەگەر مېھمان كۈتۈش جەريانىدا سۆز ھەرىكىتىڭىزدە ئازراقلا كەتكۈزۈپ قويسىڭىز ، بۇ خىل مىھماندارچىلىق ئىناقلىقنى ئەمەس ، كۆڭۈل ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا مىھمان كۈتۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ؛

       1. مىھماننى ئوچۇق چىراي بىلەن قارشى ئىلىش ، ئەھۋال سوراش ، مىھماننىڭ نەرسە -كېرەكلىرى بولسا دەرھال قولىدىن ئېلىش .

       2. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش ، چاي  قۇيۇش ( ئەگەر ئۇزاق  يولدىن  كەلگەن  مىھمان بولسا ئالدى بىلەن يۈز - كۆزىنى  يۇيۇش  ئۈچۈن ئىسسىق سۇ  بىرىش ، لۆڭگە - سوپۇنلارنى تەق قىلىپ بىرىش ) ئەگەر ئۆيدە كىرىسلو بولسا ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلماسلىق ، چاي ئۇزاتقاندا ئىككى قول بىلەن ئۇزىتىش ، چاي قۇيغاندا بەكمۇ لىق قۇيماسلىق كېرەك .

       3. كەلگۈچى ئۆزىدىن چوڭ بولسا ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل  ئولتۇرۇش ، مىھماننىڭ گېپىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىش ، مىھمان گەپ قىلىۋاتقاندا ئۇياق بۇياققا قارىماسلىق ، سائەتكە قاراشتىن ، ئۇياق بۇياققا تەلمۈرۈشتىن ، ئەسنەشتىن ، ئۈگدەشتىن ھەزەر ئەيلەش ، ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر ئىش تۈپەيلى ئولتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يار بەرمىسە ، ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ ئىزاھات بېرىش ، كەچۈرۈم سوراش كېرەك .

        4. مىھمان كەلگەندە ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ شۇ مەيداندا بولسا مىھمانغا تونۇشتۇرۇش ، ئۆيدىكى كىشىلەر ئىشىكنى ئاستا يىپىش، ئىش قىلغاندا جابدۇقلارنى تاراقلاتماسلىق ، بالىلارنى ئۇرۇپ تىللىماسلىق ، پاراڭنى ئامال بار تۆۋەن ئاۋازدا قىلىش ، مىھمان ئولتۇرغاندا يەر سۈپۈرمەسلىك ، يەرگە تۈكۈرمەسلىك .

        5. يىراقتىن كەلگەن تونۇشلار بولسا ئامال بار تاماققا تۇتۇپ قىلىش ، ئىمكانىيەت يار بەرسە قوندۇرۇپ قىلىش ، .

        6. مىھمان ئۈچۈن ئاچىقىلغان نەرسىلەر ( كىتاپ ، ژورنال ، گىزىت ) نى ياكى مىھمان سوۋغا قىلغان نەرسىلەرنى مىھماننىڭ كۆز ئالدىدا يىغىشتۇرماسلىق .

        7.مىھمان خوشلاشقاندا ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقىش ، ئۇزاتقاندا مىھماننىڭ كەينىدە مىڭىش ، كېچە بولسا چىراغ بىلەن يولنى يورۇتۇپ بىرىش ، قىرى، ئاجىز ، مىيىپ كىشىلەر بولسا يول يۈرۈشتە ، پەلەمپەيگە چىقىپ - چۈشۈشتە يۆلىۋىلىش، مىھمان كېتىۋاتقاندا ئارقىدىن بىر نەرسە تۆكمەسلىك .

        مىھمان  كۈتۈشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ ، ئەلۋەتتە . بىر مۇنچە ئىشلار ھەممىلا ئورۇنغا ئورتاق بولسىمۇ ، يەنە بەزى جەھەتلەردە ئالاھىدىكلەرمۇ بولىدۇ . يەنى كىشىلەرنىڭ يەرلىك ئۆرپ - ئادىتى ، تۇرمۇش شەكلى ، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى، شۇ جاينىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىمۇ مىھمان كۈتۈشتە ھەر بىر ئادەم ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە  يارىشا ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ، ئۆز-ئارا ئىناقلىق ۋە ئەدەب-ئەخلاقنى كۆزدە تۇتقان ھالدا مۇئامىلە قىلساق بولىدۇ . 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز