كىشىلەر بۇرۇن ياللۇغى ياكى زۇكام سەۋەبىدىن بۇرۇن توسۇلۇپ قالسا، قايناق سۇ بىلەن بۇرۇننى ھورداپ ھەم سۈيىنى ئېچىپ بەرسە، بۇرۇننىڭ ناھايىتى تېزلا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق ساپ قايناق سۇنى ھەسەل قوشۇلغان لىمون سۈيىگە ئالماشتۇرسا، ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ مىكروبقا قارشى تۇرۇپ ھەم يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ساقىيىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس.
ئاغرىقلار 500 مىللىلىتىر قايناق سۇغا ئىككى قوشۇق ھەسەل بىلەن ئىككى ياپراق لىمون سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇرۇننى ئىستاكاندىن بەشلىك يىراق يەرگە ئەكىلىپ ئىسسىق ھورنى سۈمۈرسە، ئاندىن ئۇنى ئىچىۋەتسە يۇقىرىقى مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. بۇنى ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچتە بىر قېتىم تەكرارلىسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ؛ ئەگەر بۇرۇن بوشلۇقى قۇرغاق بولسا، ئالدى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى كۈنجۈت ياكى زەيتۇن يېغى بىلەن ياغلاش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى