مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بېيجىڭ قاتارلىق 24 نۇقتىلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ بۇ يىلقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بۇ شەھەرلەردىكى بارلىق ناھىيە، شەھەر رايونلىرىدا رايون بويىچە مەكتەپكە كىرىشنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە %100 كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە %90 كە يەتكۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا رايون بويىچە مەكتەپكە كىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق رايون دائىرىسىدىكى «مەكتەپ رايونىدىكى تۇرالغۇ ئۆي» مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىدۇ.