ئابىدە شېركىتى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ،مائارىپنى قوللاش ،مائارىپ ئارقىلىق خەلىقنىڭ ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ،شۇ ئارقىلىق ئىناق گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ ،مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ 2014-يىلى تۇنجى قەدەمدە «ئابىدە ئوقۇش ياردەم فوندى»نى تەسىس قىلغان بولۇپ ،تۇنجى قارارلىق ياردەم فوندى تارقىتىلغاندىن كىيىن جەمىئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسىغا ئېرىشتۇق ،يارىتىلغان ئىجدىمائىي ئۈنۈممۇ ناھايىتى ياخشى بولدى .
2015-يىلى شېركەت بۇ ئىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىپ ،تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ،تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ ،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈش ،ھۆكۈمەتنىڭ جەمىيەتنىڭ يۈكىنى بىرئاز بولسىمۇ يىنىكلىتىش مەقسىتىدە فوندىنىڭ سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ ،تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىتۈرۈشنى نىشان قىلىپ تۆۋەندىكىدەك پىرىنسىپ ۋە شەرتلەرنى بىكىتىپ چىقتۇق .
1- ئاساسىي پىرىنسپشېركىتىمىز ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ،ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمدىن خالاس بولۇپ ،تىرىشىپ ئۆگىنىڭ ،ئەخلاقىي ،ئەقلىي ،جىسمانىي جەھەتلەردىن تەڭ قەدەمدە يىتىشىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەرجەھەتتىن تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان ،لېكىن ئائىلىسىدە ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بارئوقۇغۇچىلارغائوقۇش ياردەم فوندى تەسىس قىلدى.ئابىدە فوندى ئاساسلىق ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.بۇ فوندىنىڭ ياردەم بېرىش ئوبيېكىتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئۇنۋېرسىتىتلاردا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە ئوقۇۋاتقان دوكتور،ماگىستىر،تولۇق كۇرۇس ئۇقۇغۇچىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.رايونىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىسپىتى 80پىرسنىتتىن تۆۋەن بولمايدۇ.
2- ياردەم بىرىش ئۆلچەمئابىدە فوندىنىڭ 2-قېتىملىق تارقىتىش سوممىسى 150000 يۈەن بولۇپ ،پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەبىي پەندىكىلەر ئۈچۈن ھەربىر ئادەمگە 3500يۈەن ئىجدىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىغا 3300 يۈەن ،ماگىستىر ئاسپىرانىتلار ئۈچۈن 4000 يۈەن دوكتۇرانتلار ئۈچۈن ھەر بىر ئادەمگە 5000يۈەن بېرىدۇ.3- ئىلتىماس قىلشى شەرتلىرى1. ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان ،ئىدىيىسى ساغلام ئوقۇغۇچىلار ؛2. دۆلەت قائىدە قانۇن – نىزاملىرى ۋە مەكتەپ قائىدە تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلدىغان ،مەكتەپتە تەسىرى ياخشى بولغانلار؛
3. غايىلىق ئەخلاقلىق ،تىرىشىپ ئۆگىنىپ كۈنسىرى يوقىرى ئۆرلەش روھىغا ئىگە ،ئۆگۈنىشى ئالاھىدە ياخشى ،ئىزدىنىش روھىغا باي ،يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە بولغانلار ؛
4. ئائىلە ئىقتىسادىدا ئالاھىدە قىيىنچىلىق بولغان،تۇرمۇشتا ئاددىي ساددىي تىجەشلىك بولغانلار ؛
5. مەكتەپ ياكى جەمئىيەتتە جازاغا ئۇچرىمىغان ،تۇرمۇشتا رەتلىك ،ناچار خۇي ،قىلىقى بولمىغانلار؛6. ھەرقايسى پەندە لاياقەتلىك بولغانلار (بىرەر پەندە پەندە لاياقەتسىز بولغانلار بىردەك ئىلتىماس قىلىش سالاھىدە بولمايدۇ.)
6-يوقۇرىقى شەرتكە ماس كېلىدىغانلار xjabdfoundation@163.com غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ بەرسە ئىلتىماس جەدىۋىلى بىلەن تەمىنلەيمىز .فوندى ياردىمىگە ئېرىشكۈچىلەرنى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئاشكارلايمىز ،پۇل ئېرىشكۈچىلار قولىغا بىۋاستە بىرىلمەيدۇ ،بەلكى مەكتەپ ھېساۋاتىغا شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى ھېساپلىنىپ ئۇرۇپ بېرىلىدۇ.
شىركەت ئادىرسى : ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى مىڭخۇ كوچىسى 235-نومۇر ،يوپۇرغا مەھەلىسى دوقمۇشىدىكى قىزىل چىراغ يېنىدا ،21-يول ،912 يول ئابتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ ئۈمۈد كوچىسىدا چۈشسىىڭىز بولىدۇ .