ئالقىنىڭدا كۆكلەپ تۇرسۇن مۇھەببەت
گۈلنىسا ئىمىن
ئۆزىنىڭ ئويناق تىل، قايناق ھېسسىياتى بىلەن تويۇنغان لىرىكىلىرى ئارقىلىق جامائەتچىلىككە تونۇلۇۋاتقان شائىرە گۈلنىسا ئىمىن 1976 - يىلى 11 - ئايدا چىرا ناھىيەسىنىڭ گۇلاخما يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1997 - يىلى خوتەن رادىيو ــ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كاتىباتلىق كەسپىنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە قانتاشقان. ھازىر چىرا ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
گۈلنىسا ئىمىن 1990–يىلى «خوتەن پېداگوكىكا ئالىي تېخنىكومى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئېھ، سەھرانىڭ توپىلىق يولى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجاديىەت سېپىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك، چىرا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى.
بۇ ــ مۇھەببەت، بىرلىك ئالىمى
كۆڭۈلدىن كۆڭۈللەر سۇ ئىچىپ كەلگەن،
قەلبتىن قەلبلەر سەزگەن مۇھەببەت.
ياخشىلار چۆلدىمۇ چېچەكلەر تەرگەن،
قوللارنى تۇتۇشقان قوللار تائەبەد.
بىر دەريا سۈيىنى بىللە ئىچكەنلەر،
مېھىردىن تونۇيدۇ تونۇشمىسىمۇ.
ئەل-ۋەتەن دېگەنلەر جاندىن كەچكەنلەر،
قېرىنداش بىر ئۆمۈر كۆرۈشمىسىمۇ.
بىراۋلار باغرىدۇر مېھىر ئالىمى،
مۇھەببەت يۇرت دېمەس، مىللەت ئايرىماس.
ياخشىلىق ئۇنتۇلماس، قالار مەڭگۈگە،
مېھىرسىز چىمەندە قۇشمۇ سايرىماس.
ئەجدادلار ھېكمىتى تارىخ ئەينىكى،
ئىناقلىق ئەل -يۇرتقا بېرىدۇ بەرىكەت.
بىرلىك يوق قەۋمنىڭ كۈلدۈر قىسمىتى،
قۇت بەرمەس بۆلۈنۈپ قىلغان ئىش-ھەرىكەت.
ئەل ئامان بولسىلا سەن بەختكە يار،
ئىچسەڭمۇ داغ سۇنى، يېسەڭمۇ ئوت-خەس.
سەن باركى، شانىڭ بار، ئېتىقادىڭ بار،
ئېتىقاد بولمىغان ئەرنىڭ كۈنى تەس.
ئەر دېمەك ۋەتەنگە پاسىبان دېمەك،
سەپ تۈزگەن بىرلىكنىڭ تۇغى قولىدا.
پەرزدۇر ئەل-ۋەتەن غېمىنى يېمەك،
جان بېرىپ ئىناقلىق، بىرلىك يولىدا.
بىرى قان بېرىدۇ - سۆيگۈ بېرىدۇ،
بىرى يار - يۆلەكتە ئېغىر كۈنلەردە.
بىرى جان بېرىدۇ، ھايات كۈلىدۇ،
بىرى شام ياقىدۇ كېچە - تۈنلەردە.
ئايرىلىپ، كىم ياشاپ باققان بەختىيار،
ئىتتىپاق، ئۆم ئەلگە كەلگەنمۇ دۈشمەن.
بۆلۈنسە بۆرە يەر، بولۇر خارۇ - زار،
يېڭىلمەس كۈچ -قۇدرەت ئىناقلىق دېگەن.
مەردلەرنى سىنايدۇ ئەلنىڭ مەيدانى،
ياخشىلار ھەر زامان يۆلەكتۇر ئەلگە.
ئوغۇلنىڭ قەلبىدە يۇرتنىڭ ئارمانى،
ئاچقۇزار گۈل چېچەك چۆمۈلۈپ تەرگە.
كۆڭلۈلەر كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىپ قانسۇن،
قەلبتىن قەلبلەر سەزسۇن مۇھەببەت.
ياخشىلار چۆلدىمۇ چېچەكلەر تەرسۇن،
قوللارنى چىڭ تۇتسۇن قوللار تائەبەد.
سۆيگۈ ئەڭ ئۇلۇغدۇر، سۆيگۈ مۇقەددەس،
بۇ سۆيگۈ ۋەتەننىڭ، ئەلنىڭ سۆيگۈسى.
مۇھەببەت ھەر دىلدا قاينىسۇن پەۋەس،
مېھىردىن، ھاياتتىن ھايات كۈلگۈسى.
كۆكسۈڭدە گۈپۈلدەپ سوققىنى نېمە
تىك تۇرۇپ ماڭىمەن ئادەممەن دېمە!
ھەمىشە نەپسىڭنىڭ غېمىنى يېمە!
«ياق» دېسەڭ، تىڭشىغىن، ئاندىن جاۋاب بەر،
كۆكسۈڭدە گۈپۈلدەپ سوققىنى نېمە؟
ئەل ئۈچۈن بىر تال تاش تېرەلىدىڭمۇ؟
ئۆمرۈڭدە ئەلگە نەپ بېرەلىدىڭمۇ؟
بولمىسا تىترىمەي ئېيتقىنچۇ قېنى،
كۆكسۈڭدە گۈپۈلدەپ سوققىنى نېمە؟
ئالدىڭدا تېز پۈكۈپ باقتىمۇ دۈشمەن؟
ئىزىڭدىن ئۈنگىنى گۈلمۇ، يا تىكەن؟
ئەقىلنىڭ دەۋىتى چىقسۇن تىلىڭدىن،
كۆكسۈڭدە گۈپۈلدەپ سوققىنى نېمە؟
ھاياتلىق تاۋكاسى ئۇتسا ۋەسلىڭنى،
ئۇنتامسەن قەۋمىڭ ھەم ئەجداد نەسلىڭنى؟
دەپ تۇرغىن كۆممەستە ئەلنىڭ قارغىشى،
كۆكسۈڭدە گۈپۈلدەپ سوققىنى نېمە؟
ۋەتىنىڭ، مىللىتىڭ ئۈچۈن سوقمىسا،
تومۇردا قېنىڭ ھەم شۇ دەپ ئاقمىسا،
باسقان ئىز ـــ قەدىمىڭ ئەلگە ياقمىسا،
كۆكسۈڭدە گۈپۈلدەپ سوققىنى نېمە؟
تېنىڭدە پۈتكىنى گۆش بىلەن سۆڭەك،
دىلىڭغا ئېتىقاد ھەم غۇرۇر كېرەك.
شۇندىلا كۆكسۈڭدە تاغ ۋەزنى بىلەن،
گۈپۈلدەپ سوققىنى ھەقىقىي يۈرەك.
يىغلىۋال قىز...
يالغان كۈلۈپ ئىچىڭدە دەرد تۇرۇپ قالمىسۇن،
يىقىلغاندا دوستلىرىڭ ئاھ ئۇرۇپ قالمىسۇن.
يىغلىۋالغىن، ھەسرىتىڭنى يۇيۇپ قالمىسۇن،
ئەمما، دۈشمەن كۆز يېشىڭنى كۆرۈپ قالمىسۇن.
يىغلىۋال قىز، سەۋدالاردىن قاتقاندا بېشىڭ،
سەپىرىڭدە ئوڭ كەلمىگەن چاغلاردا ئىشىڭ،
ھامان بىر كۈن يېرىلىدۇ ھەم سەۋر تېشىڭ،
ئەمما، دۈشمەن كۆز يېشىڭنى كۆرۈپ قالمىسۇن.
تۈز ئەمەستۇر سەپىرىڭدە ئالدىڭدىكى يول،
يىقىلساڭمۇ تۇرغىن يەنە، شىجائەتلىك بول،
يىغلىۋالغىن، شۇ چاغدىمۇ سۇنۇلمىسا قول،
ئەمما، دۈشمەن كۆز يېشىڭنى كۆرۈپ قالمىسۇن.
دۈشمىنىڭ دىل رەنجىتكەندە بولغاندا خاپا،
بەخت ئىزدەپ ماڭغىنىڭدا چەكسەڭ گەر جاپا،
يىغلىۋالغىن، يار دوستۇڭدىن كەلمىسە ۋاپا،
ئەمما، دۈشمەن كۆز يېشىڭنى كۆرۈپ قالمىسۇن.
نى بالالار كەلمەس دەيسەن ئىنسان بېشىغا،
ھېچكىم توپا چاچماس دەمسەن ئىچكەن ئېشىغا،
يىغلىۋالغىن، چىقىپ كەتكىن دەردنىڭ تېشىغا،
ئەمما، دۈشمەن كۆز يېشىڭنى كۆرۈپ قالمىسۇن.
«يىغلىما» دەپ بەزلىمەيمەن مەيلى يىغلىساڭ،
چىن كۈلكىنى تاپالمايسەن يىغلاپ تۇرمىساڭ،
يىغلىۋالغىن، لېكىن سەتتۇر قايتا تۇرمىساڭ،
ئەمما، دۈشمەن كۆز يېشىڭنى كۆرۈپ قالمىسۇن.
ئالقىنىڭدا كۆكلەپ تۇرسۇن مۇھەببەت
رەنجىمىگىن بىراۋلاردىن سۆيۈلمىدىم دەپ،
ئۆز-ئۆزۈڭنى سۆيگىن ئاۋال ئەڭ پاك سۆيگۈدە.
يېقىلغاندا قۇپۇشنى بىل يۈرمىگىن غەم يەپ،
پۇتلىمىغىن بىراۋلارنى چېلىش بەيگىدە.
سۆيۈلۈشنى ئىستىسەڭ گەر، سۆيگىن سەن ئاۋۋال،
باشقىلاردىن نېمە كۈتسەڭ شۇنداق رەۋىشتە.
نۇسرەت تىلە ھېچكىمگىمۇ تىلىمە زاۋال،
قولۇڭنى بەر يېقىلغانغا بولۇپ پەرىشتە.
سۈرتۈپ قويغىن كۆز يېشىنى يىغلىسا بىراۋ،
ئورا ئۇنى ئەڭ سەمىمىي تىلەكلىرىڭگە.
كۈتكىن يازنى باغلىرىڭغا چۈشكەندە قىراۋ،
ئاق كۆڭۈلدەك چېچەك تولغاي ئېتەكلىرىڭگە.
ھاسا بولغىن خىزىر سۈپەت بوۋاينى كۆرسەڭ،
ناتىۋانلار ھىممىتىڭدىن كۆكلىسۇن گۈلدەك.
تېرىپ ماڭغىن يولدا خوخا-تىكەننى كۆرسەڭ،
دىل قەسىرىڭ يۇرۇپ تۇرسۇن تۈندىمۇ كۈندەك.
ئېتىقادىڭ ۋەتەن ئۈچۈن جان پىدا قىلماق،
ئېتىقادسىز ھەم غۇرۇرسىز ئەردىن يىراق بول.
ئەھدىڭ نېمە زۇلمەتلەرنى يېرىپ يورۇتماق،
ياۋغا قارشى غەزەبلەرگە تولغان ساداق بول.
گۇلخان بولغىن زېمىستاندا تىترىگەنلەرگە،
ھارارەتلىك قۇچاقلىرىڭ ئېچىلسۇن ئەبەد.
يول كۆرسەتكىن نىشانسىز يول ئىزدىگەنلەرگە،
ئالقىنىڭدا كۆكلەپ تۇرسۇن مەڭگۈ مۇھەببەت!
مەرد سىنىغان مەيدانلار گۇۋاھ
چىقالايدۇ كىملەر كوچىغا،
ئەسلى شەكلى ساپلىقى بىلەن؟
يۈرەلەيدۇ كىملەر خىرامان،
ئادەەملىكى ــ خاسلىقى بىلەن؟
سۆيەلەيدۇ كىملەر ۋەتەننى،
ئەڭ مۇقەددەس سۆيگۈسى بىلەن؟
قىلالايدۇ كىملەر جان پىدا،
كىمگە خەنجەر ھەقىقەت دېگەن؟
كىم يىغىدۇ غالىپ نەپسىنى،
يېتىم ھەققى ئەلنىڭ بەختىدىن؟
ئالالايدۇ يەنە كىم ئورۇن،
ئەل تىكلىگەن ھۆرمەت تەختىدىن ؟
كىملەر تۆكتى كۈمۈش تەرىنى،
ئۆز ئېلىگە ھىممەت بېغىدا ؟
كىملەر ئۈنچە ــ گۆھەرلەر قازدى،
مىننەتسىزلا مېھنەت بېغىدا؟
كىم خەلقىگە سانىدى قارا،
كىم خارلىقتا ھەقنى سۆزلىدى؟
كىملەر ئىچتى ئەل دەپ سوغۇق سۇ،
كىملەر راھەت چاينى كۆزلىدى؟
كىم قان تۆكسە ۋىجدانى ئۈچۈن،
كىملەر ساتتى ئېتىقاد، غۇرۇر؟
كىملەر ئۈچۈن يىغلىغان يىغا،
كىملەرگىدۇ بېرىدۇ ھۇزۇر؟
كىملەر چىقماس رېستۇرانلاردىن،
كىم كىرەلمەس كىتابخانىغا؟
سۈمۈرۈلىدۇ كىمنىڭ كۆز يېشى،
ئىسقا تولغان ئايرىم خانىدا؟
كىم تەسەددۇق ئەيلەيدۇ جاننى،
مىللىتىمنى ئاقارتىشى دەپ ؟
كىم تارتىدۇ غەمسىزلا خوررەك،
ھەممىمىزنىڭ بار ئۆز ئىشى دەپ؟
ئىپتىخارى كىملەر ۋەتەننىڭ،
«مۇناپىق» دەپ كىملەر ئاتالغان؟
كىم كۆمۈلگەن ئەل ئالقىشىغا،
كىمگە قارغىش ئوقى قادالغان؟
كىملەر ئۈچۈن بولدى تۇتىيا،
ئانا يۇرتنىڭ چىمدىن توپىسى؟
كىملەر ئۈچۈن بولدى ئالتۇن تاج،
ئۆزگە ئەلنىڭ ياغاچ توقىسى؟
كىم مەكتەپكە سالدى ئوڭ نەزەر،
ئەۋلادلارغا سۇندى قولىنى؟
كىم غەپلەتكە پاتتى ئەبەدىي،
ئەتمەكچى بوپ بىلىم يولىنى؟
ھەممىسىگە گۇۋاھتۇر تارىخ،
گۇۋاھ يەنە دەريايۇ-تاغلار.
زېمىن گۇۋاھ، ئەل-ئاۋام گۇۋاھ،
گۇۋاھ يەنە چېچەكلىك باغلار.
گۇۋاھ يەنە ئەلنىڭ كەچمىشى،
ۋەتەن گۇۋاھ، ئوغلانلار گۇۋاھ.
ۋاقىت گۇۋاھ شانلىق ئىزلارغا،
مەرد سىنىغان مەيدانلار گۇۋاھ.
يىراقتىكى سەھرا بالىسى
يىراقتىكى سەھرا بالىسى،
ئەسلىمەمدە تۇرىسەن قات-قات.
يۈرىكىمگە يېقىن بىر جايدا،
پەيدا بولۇپ قالىسەن پات-پات.
سەن ماڭغان شۇ سەھرا يولىدا،
ئىزلىرىڭ يوق بۈگۈن قارىسام.
«تاپالمىدۇق» دېدى دومسىيىپ،
شاماللاردىن سېنى سورىسام.
دەريا ئۈنى قاپتۇ پەسىيىپ،
سەن يوق، بەلكىم ئىچى سىقىلدى.
قۇچقاچلىرىڭ تۇرار بىناۋا،
سەن يوق، مامكاپ رەڭسىز ئېچىلدى.
ئۆگزەڭ بىلەن تۇتاشقان باغلار،
سىردىشالماي قالدى سەن بىلەن.
يۇلتۇزلىرىڭ يالغۇز ئۆيۈڭگە،
كىرىۋالدى ئاستا پەم بىلەن.
چاچالمىدى تېخى خۇشپۇراق،
بېغىڭغىلا تۇتاش جىگدىلىك.
بويى ئۆسۈپ قالغان قىزچاقتەك،
سېنى ساقلاپ تۇرار بېدىلىك.
چېپىلمىغان جىگدە قوۋزىقى،
كولانمىغان يىلىملىرى ھەم.
سېنى پات-پات ئەسلەپ قالىدۇ،
بىراۋلارنىڭ كىرپىكىدە نەم.
بويۇندايدۇ ئېرىقتىكى سۇ،
ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەچ.
ئاناڭدەكلا غېرىپ تاغلىرىڭ،
سەنسىز كۈننى قىلار تەستە كەچ.
سەن بولمىساڭ ئۆيۈڭ كەينىدە،
دەريانىڭمۇ كەلمەس ئاققۇسى.
ئاڭلىماستىن سېنىڭ ئۈنۈڭنى،
قۇياشنىڭمۇ كەلمەس پاتقۇسى.
سەن بولمىساڭ، كىتابلىرىڭنىڭ
توپىسىنى سۈرتىدۇ ئاناڭ.
سەن كەلمىسەڭ ئوغلاقلىرىڭنىڭ،
تىۋىتىنى تارىماس ئاكاڭ.
سەن يىراقتا ناتونۇش جايدا،
باغرىڭ جەنۇب تامان ئاقىدۇ.
سەن ياشىغان ئاشۇ شەھەردە،
قۇياش بەكمۇ بالدۇر پاتىدۇ.
ئادەملىرى شۇنچە ئالدىراش،
BRT نىڭ ئاپتوبۇسىدەك.
ناتونۇشتۇر ھەممە-ھەممە ياق،
يېقىنىڭ يوق ئۆزۈڭدۇر بۆلەك.
ساڭا كۈلۈپ باغرىنى ئاچقان،
كىتابخانا بولدى ئېھتىمال.
سەزگىنىڭچە ئۇشبۇ ھاللارنى،
تۇرۇپ قالدىڭ سۈرگەنچە خىيال.
تاش شەھەرگە، سۇدەك ۋاقىتقا،
قالماقتىسەن ئاستا مىخىلىنىپ.
تۇيغۇلارغا بەرمەيدۇ ئارام،
غېرىبلىقىڭ ئۇندا بىخلىنىپ.
تويۇلىدۇ سەن ئۈچۈن پەقەت،
كىتابخانا ئەڭ سۆيۈملۈك جاي.
جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى،
مۇئەللىمىڭ سۆزلەيدۇ تىنماي.
ئاشۇ يىراق، ناتونۇش جايدا،
يېتىمسىراپ يۈرەمدۇ قەلبىڭ؟
ئاڭلىغاندا تونۇش ئۈنلەرنى،
تاشارمىكىن بۇلدۇقلاپ دەردىڭ؟
تۇيغۇڭدەكلا سوغۇق شەھەرگە،
بولارسەنمۇ ئۈن-تىنسىزلا يەم.
يا روھىڭنى پاكلاپ تۇرارمۇ،
ھەر سەھەردە پارلىغان شەبنەم؟
سەن ۋە مەن
سۆيۈلۈپ باقمىغان بىغۇبار لەۋسەن،
ئەزەلدىن ئېيتىلىپ باقمىغان ناخشا.
كۆيۈك تۈن كۆكسىگە چېكىلگەن، لېكىن
يېزىلىپ باقمىغان گۈزەل لىرىكا.
چۈشۈڭگە ئېھتىمال كىرمەسمەن، لېكىن
خالىڭمەن بىغۇبار لەۋلەر ئۈستىدە.
شۇ كۆيۈك تۈنلەردە چاقنايدۇ قەلبىم،
مەن سېنى يازماقچى بولغان شائىرە.
مەن ۋەسلىڭ چۆلىدە كەزگەن بىر سەيياھ،
سەن ئۇپۇق سەتھىدە كۆرۈنگەن دېڭىز.
مەن ۋەسلىڭ قەستىدە غەمگە يار ئوۋچى،
سەن گۇلخان چوغىدا يالتىرىغان ئىز.
تىلەكلىرىڭ
ماڭا سۇنغان تىلەكلىرىڭدىن،
گۈپۈلدىگەن نېمىنىڭ ھىدى؟
ئۇ بەختتۇر ۋە ياكى سۆيگۈ،
ياكى دەردلىك يۈرىكىڭمىدى؟
چېكىپ ئۆتتى ئىشىكنى بىراۋ،
ئۇ ئېھتىمال مۇھەببەت ئىدى.
ئۇ ئېھتىمال مۇھەببەت ئىدى،
سېۋىتىدە ئەلەملىرى بار.
سۇنسىمۇ گەر بىر دەستە چوغلۇق،
سەن كۈتمىگەن دەرد–غەملىرى بار.
ياكى سېنىڭ كۆڭلۈڭدەك سەھەر،
سۈزۈك-سۈزۈك شەبنەملىرى بار.
سۈزۈك-سۈزۈك شەبنەملىرى بار،
ھەسرىتىمنى يۇيۇپ كېتىدۇ.
ئااددىيغىنا تىلەكتۇر، ئەمما
قەلبلەرگە مېھىر پۈتىدۇ.
باغرى كۆيۈك ئۇزۇن تۈنلەرگە،
ئۈمىدلەرنى تېرىپ ئۆتىدۇ.
سۆيگۈ پەسلى
كەتكۈم بار شامالدا لەگلەكلەر كەبىي،
كۈنلەرنىڭ باغرىدا تەۋرىنىپ لەرزان.
ئەگىزنىڭ سۈيىدەك ئېرىسەم ئاستا،
كۆكلەرمۇ قىرلاردا بىر سىقىم ھىجران؟
ئېچىلسام گۈللەردەك سۈزۈك تاڭلاردا،
بەرگىمگە قاتمۇ-قات يېيىلسا ۋەسلىڭ.
ياسىسام قەلبىڭگە قۇشلاردەك ئۇۋا،
كۆكلىسە چۈش بولۇپ ياپ-يېشىل پەسلىڭ.
خازانلار كۈيىدىن تىترىسە قەلبىم،
بەرگىدە ھىجراننىڭ يۇرەرمەن تەنھا.
زەپىران كۈنلەردىن سىرغىيدۇ ئۈمىد،
شىمالغا يول ئالغان قۇشلاردەك گويا.
بەك يىراق بىر جايدا ئىزدەپ ئۈنۈڭنى،
دەمدەردەك بوقۇلداپ يىغلىدى قەلبىم.
مىسرالار باغرىدا ئۇھسىنىپ تۇرۇپ،
ئاپئاق قار ئۈستىگە يىقىلدىم بەلكىم.
تۈنلەرنىڭ باغرى قان، شۇ قەدەر كۆيۈك،
كۆپكۆك مۇز تۇتقىنى سۇ ئەمەس، ئارمان.
پەسىللەر باغرىدا ئىككىمىزلا بار،
ئېھتىمال ۋىسالنىڭ كۈنلىرى يالغان.
مەنبە: «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 6-سانى