چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا، كەڭ كۆلەملىك «يۇقىرى دەرىجىلىك مىكروب» تارقىلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، ئاز دېگەندە 80 مىڭ ئەتراپىدىكى ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش دوكلاتى بەرگەن.
سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى»BBC نىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى «دۆلەتلىك خېيىم-خەتىرى كۈچلۈك بولغان جىددىي ئىشلار تىزىملىكى» دىكى دوكلاتىدا، يەرلىك دوختۇرلارنىڭ ئانتىبىيوتىك (غەربچە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرى) لارنى قالايمىقان ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن ئانتىبىيوتىك دورىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھەر خىل «يۇقىرى دەرىجىلىك مىكروبلار» نى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەگەر كەڭ كۆلەملىك «يۇقىرى دەرىجىلىك مىكروبلار» نىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەندە، ئەنگلىيەدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 200 مىڭغا يېقىن كىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، 80 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى 1-دوختۇرخانىسى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش تەجرىبىخانىسىنىڭ پىروفېسسورى شياۋ يوڭنىڭ «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلغان «ئانتىبىيوتىك دورىغا كۆنۈش زادى قانچىلىك خەتەرلىك؟» تېمىسىدىكى ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، مىكروبقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنىڭ ئادەتتە «ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى»، «ئانتىبىيوتىك» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقى، بۇ دورىلارنىڭ مىكروب بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ياللۇغلارغا ئۈنۈمى بولۇپ، ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مىكروبقا قارشى دورىلارنى چۈشەنمەي قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكتىن، كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ دورىغا كۆنۈش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئادەم بەدىنىدە مىكروبقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارغا كۆنۈۋالغان مىكروبلار پەيدا بولغاندا، مىكروبقا قارشى تۇرغۇچى دورىلار پەقەت سەزگۈر مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈپ، دورىغا كۆنگەن مىكروبلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن، بۇنىڭ بىلەن دورىغا كۆنگەن مىكروبلار «ھايات» قىلىپ تېخىمۇ كۆپىيىپ تارقىلىدىكەن.
دورىغا كۆنۈش مەسىلىسىگە نىسبەتەن كۆپىنچە كىشىلەر پەقەت بىر خىل مىكروبقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، باشقا خىلىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە، چىڭميسۇ (青霉素)، توۋباۋ (头孢)، خوڭمىيسۇ (红霉素) ، ئاچىمىيسۇ(阿奇霉素) قاتارلىق كونا ماركىدىكى مىكروبقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارغا بېقىنىپ قىلىش ئەھۋالى مىكروبلارنىڭ دورىغا كۆنۈۋېلىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا %80-%90 كە يېتىدىكەن.
كىشىلەرنىڭ ئانتىبىيوتىك دورىلارغا كۆنۈشى بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى (كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى) نى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، دورىغا كۆنۈۋالغان مىكروبلارنىڭ بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەھدىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن.
نۆۋەتتە جۇڭگودا ھەر يىلى 80 مىڭغا يېقىن كىشى مۇشۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان بولۇپ، دورىغا كۆنۈش مەسىلىسى دۇنيادىكى ئېغىر سەھىيە مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 2014-يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا مىكروبلارنىڭ دورىغا كۆنۈۋېلىش مەسىلىسىگە قارىتا 5 يىللىق دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان.
ئەنگلىيە دورىغا كۆنۈۋېلىش مەسىلىسىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى تىزگىنلىمىگەندە 2050-يىلغا بارغاندا، جۇڭگودا 1 مىليونغا يېقىن كىشى، پۈتۈن دۇنيادا 10 مىليون كىشى مىكروبقا قارشى دورىغا كۆنۈش تەھدىتىگە ئۇچرايدىكەن.
يۇقىرىقى ئانالىزلاردىن قارىغاندا، غەرب تېبابىتى دورىلىرىنىڭ ئوبيېكتى مىكروب ئۆلتۈرۈش بولۇپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئىبىن سىنا ۋەكىللىكىدىكى تېبابەت ئىلمىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، «يۇقىرى دەرىجىلىك مىكروب» خەۋپى غەرب تېبابىتىنىڭ ئاجىزلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىنسانىيەت تېبابەت ساھەسىنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە جۇڭگو تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تېبابەت ئۇسۇللىرىنىڭ بۇ خەۋپلەرنى ھەل قىلىشتىكى رولى تېخىمۇ روشەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك كەسىپلىرىگە بولغان زور ئېھتىياجنى پەيدا قىلىدۇ.