ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىلەر قۇرامىغا يەتكەن 590ساغلام ئادەمنىڭ قان تومۇر قېتىشىش ۋە بىلىش ئىقتىدارى دەرىجىسىنى بەش يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ھەمدە ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، يېقىندا مۇنداق يەكۈن چىقارغان: قان تومۇرنىڭ قېتىشىش دەرىجىسى بىلەن بىلىش ئىقتىدارى ئارىسىدا ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىدۇق.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: قان تومۇر قېتىشىش بىلەن كەلگۈسىدە بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ئارىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقى ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن بىز قان بېسىم سەۋىيىسىنى سېلىشتۇرغاندا، كىمنىڭ بىلىش ئىقتىدارى ئاۋۋال چېكىنىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق مۆلچەرلىگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۇق. قارىغاندا، قان تومۇرنىڭ قېتىشىش دەرىجىسى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، بەزى ئاغرىقلارنىڭ ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بەرگىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ.