تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئۈرۈمچى 10 خىل كەسىپتە ھەقسىز تەربىيەلەيدۇ

6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2015-يىللىق نۇقتىلىق ئىش تۈرلىرى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 4000 ئادەمنى تەربىيەلەشنى پىلانلىغان بولۇپ، تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئارزۇسى بار خادىملار، تۇرۇشلۇق ئورنىدىكى ئىجتىمائىي رايون ياكى مۇناسىۋەتلىك تەربىيەلەش مەكتەپلىرىدە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل نۇقتىلىق ئىش تۈرلىرى مەخسۇس تەربىيەلەشكە كىرگۈزۈلگەن كەسىپلەر، سۇۋاركا ئىشچىسى (تۆۋەن دەرىجىلىك تېخنىكا ئىشچى)، سۇ-پار ئىشچىسى (تۆۋەن دەرىجىلىك تېخنىكا ئىشچى)، سىلىسار ئىشچىسى (تۆۋەن دەرىجىلىك تېخنىكا ئىشچى)، يۆتكەش-توشۇش ماشىنا ئىشچىسى (تۆۋەن دەرىجىلىك تېخنىكا ئىشچى)، ياشانغانلارنى پەرۋىش قىلىش خادىمى (تۆۋەن دەرىجىلىك تېخنىكا ئىشچى)، جۇڭگوچە قورۇما ئۇستىسى (ئوتتۇرا دەرىجە)، ئوبراز لايىھەلەش ئۇستىسى (ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا ئىشچى)، كەسپىي يېتەكچى (دۆلەتلىك ئۈچىنچى دەرىجىلىك كەسپىي سالاھىيەت)، تور بەت ياساش ۋە تور دۇكىنى لايىھەلەش (مەملىكەتلىك كومپيۇتېر ئۇچۇرلىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ئىمتىھانى ئۈچىنچى دەرىجە)، كومپيۇتېر شەكىل ۋە رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىش (مەملىكەتلىك كومپيۇتېر ئۇچۇرلىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ئىمتىھانى ئۈچىنچى دەرىجە) قاتارلىق 10 خىل ئىش تۈرى. ھەر بىر ئادەم پەقەت بىر خىل ئىش تۈرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىنەلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، كەسپىي يېتەكچىدىن باشقا ئىش تۈرلىرىگە قاتناشماقچى بولغان خادىملاردا چوقۇم «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشسىزلىق كىنىشكىسى» بولۇشى شەرت ئىكەن. ئەگەر ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولمىغانلار، چوقۇم ئىجتىمائىي رايونغا بېرىپ، ئۈرۈمچىدە تۇرغان ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقانلىقى توغرىسىدا ئىسپات ئېلىشى كېرەك ئىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: ئەرقال تاراتقۇسى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز