تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھەرىكەت قىلىڭ، «دوستلار چەمبىرىكى» گە باغلىنىپ قالماڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇرۇن، تەنھەرىكەت پەقەت كىچىك دائىرىدىكى ئىش ئىدى، لېكىن تاقالما ئۈسكۈنە ۋە ئالاقىدار يانفۇن دېتاللىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تەنھەرىكەت «دوستلار چەمبىرىكى»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ دائىرىگە كىرىپ قالدى. تەنھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىلىشقا ئەگىشىپ كىشىلەر تەنھەرىكەتكە بولغان تەسىرات ۋە نەتىجىلىرىدىن باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدىغان بولدى. بۇ ئەسلىدە ياخشى ئىش ئىدى، لېكىن بەرزىدە ئورتاق بەھىرلىنىش كۆز-كۆز قىلىشقا ئايلاندى.  

بەزىلەر «دوستلار چەمبىرىكى»دە باشقىلارنىڭ يۈگۈرگەن سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ سىناپ كۆرۈشكە ئالدىراپ تۈزۈك مەشىق قىلمايلا مارافونچە يۈگرۈشكە قاتنىشىپ ئاخىرى يولدا ھۇشىدىن كەتكەن. بەزىلەر «دوستلار چەمبىرىكى»دە مۇسكۇلىنى نامايان قىلغانلارنى كۆرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ بىر كۈچەپلا نەچچە يۈز زوڭزىيىش ھەرىكىتىنى ئىشلىگەن، ئاخىردا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. بەزىلەر باشقىلارنى دوراپ «دوستلار چەمبىرىكى »دە ماڭغان قەدەم سانىنى چىقارغۇسى كەلگەن، بىراق ھەرىكەت مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى ئىشى بولمىسىلا قەدەم ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى تەۋرىتىپ، ھەتتا كۆچۈرمىچىلىك يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ «بىرىنچى بولۇش»ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان. بۇ ئىشلار ئاڭلىماققا كۈلكىلىك ۋە بىمەنىلىك تۇيۇلسىمۇ لېكىن ھەقىقىي يۈز بەرمەكتە.  بۇ ئىشلارنىڭ كۈلكىلىك بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا« دوستلار چەمبىرىكى»گە باغلىنىپ قالغان. ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ئەسلى ساغلاملىق ۋە خۇشاللىق ئۈچۈن ئىدى، لېكىن ھازىر كۆز-كۆز قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش بولۇپ قالدى؛ ئەگەر ھەرىكىتىڭىز قارىغۇلارچە قوغلىشىش، ھەتتا ساختىپەزلىك قىلىش ئۈچۈن بولسا ئۇنداقتا تولىمۇ ئەخمىقانىلىق بولىدۇ. باشقىلار مەشىق قىلىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزگە ماس كېلىشى ناتايىن.  

ھەرىكەت قىلغان سۈرەتلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ لېكىن ئابرۇيپەرەس بولماڭ.ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى «دوستلار چەمبىرىكى»دە زادى قانچىلىك ماختاش ۋە ھەۋەسكە ئېرىشىشدە ئەمەس بەلكى ھەرىكەت ئارقىلىق ساغلاملىققا ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىشتە.

(مەلىكەم)

مەنبە: خەلق تورى

http://uyghur.people.com.cn/307382/15556512.html

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز