تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مەڭگۈ مۇلايىم بولۇڭ

مەڭگۈ مۇلايىم بولۇڭ

  ھەرقانداق ئەر ئاياللارنىڭ مۇلايىم قەلبىدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ. لىكىن مۇلايىملىققىلا ئىسىلىۋالماڭ. ئېرىڭىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى چاغدا، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭ ياكى سىز نىمىگە ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا دەڭ. بۇنداق چاغدا ھەرقانداق ئەر كىشى سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى رەت قىلالمايدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇ ئۆيدە ئىشلىگەن چاغلاردا ئۇنىڭغا بىر پىيالە چاي ئەكىرىپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز، ئائىلە ئىشلىرىنى ياخشى قىلغاندىنمۇ بەكرەك ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.

1. ئېرى ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى ئىتىش.

بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى مىزلىك تائاملار ئەمەس بەلكى ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملاردۇر. شۇڭا ئاجايىپ نازۇ-نىمەتلەرنى ئىتىۋىتىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. پەقەت ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىتىشنى ئۈگۈنىۋالسىڭىز، ئۇ يىنىڭىزدىن كەتمەيدۇ شۇنداقلا تائام تىزىملىكىگە قاراپ ئۈگۈنىۋاتقان ئاشۇ گۈزەل قىياپىتىڭىزنىمۇ مەڭگۈ ئىسىدە ساقلايدۇ.

2. مەڭگۈ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قەلب بۇلۇش.

بۇ، چىراينىڭ سەت ياكى چىرايلىق بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ھەرقانداق ئايال ئېرىنىڭ يىنىدا چۇقۇم ئەڭ گۈزەل قىياپىتىنى ساقلىشى كېرەك. يەنى، قېرىپ كەتسىمۇ چۇقۇم ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇشى، كىيىمنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشى ھەم ئېرىنىڭ كىيىم كىيىشى ئادىتىنى ئېنىق بىلىۋىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئۇخلاش كىيىمى ھەم ئىچ كىيىملىرىگىمۇ ئېتىبار بېرىشى كېرەك. چۈنكى تاش كىيىمنى باشقىلار كۆرىدۇ، ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئىچ كىيىمنى ئېرىلا كۆرىدۇ.

3. ئېرىگە ياخشى ياردەمچى بولۇش.

  ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسىنى يالغۇز ئۆزىڭىزلا ئۈستىڭىزگە ئىلىۋالماڭ.

4. ئېرىگە بوي سۇنغاندەك تۇيغۇ بېرىش.

  ئېرىڭىز سىزنى بىر ئۈمۈر تەتقىق قىلسۇن. ئۇنىڭغا بوي سۇنغاندەك تۇيغۇ بېرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ جەلىپكار ئايال ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىدۇ، بۇنداق ئەر ھەقىقى ئەر ھېساپلىنىدۇ.

5. ئېرىگە ئۆزىنى سۆيىدىغان سەۋەپ كۆرسۈتۈپ بېرىش.

ھەرقانداق ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىنى بىر ئۈمۈر سۈيۈشنى ۋە بەختلىك ئائىلىسىنى بولۇشنى تۇلۇمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. لىكىن ياشلىق باھار تۇلۇمۇ قىسقا بولىدۇ. يىتىلگەن، سالاپەتلىك، پۇلدار، مۇلايىم ئەرلەرگە ئاياللار قىزىقىدۇ. شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ سىزنى بىر ئۈمۈر سۈيۈشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سىزنى سۈيىدىغان سەۋەپ تىپىپ بېرىشىڭىز لازىم. چىرايلىق ياكى سەت بۇلۇڭ سىزدە چۇقۇم ئىسىل مىجەز ياكى تالانت ۋەياكى ئۆزىڭىزگە خاس خاراكتىر...بۇلۇشى كېرەك. قىسقىسى سىزدە چۇقۇم بىر ئالاھىدىلىك بۇلۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئېرىڭىز سىزدىن مىھرىنى مەڭگۈ ئۈزەلمەيدۇ.

مەنبە: تور دۇنياسىدىن ئېلىندى.

  

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز