تاققا-تۇققا ئۈندىدار خەلق قوشاقلىرى
ئاقسارايدا ئاق ساندۇق،
كۆكسارايدا كۆك ساندۇق.
بىزنىڭ يالا چالا دوختۇركەن،
ئوكۇل سالغانتى،
ئۆلۈپ قالغىلى تاس قالدۇق.
ئويناشماڭ دەتمەن بىلەن،
چانىۋىتىدۇ كەتمەن بىلەن.
يارىم كىتىمەن دىدى،
بوپتۇ يوللىرىڭ بولسۇن.
مىنى بەك يامان دىدىڭ.
ماندىنما بەك ئەسكىنى ئۇچراشتۇرا ساڭا.
يارىمنىڭ ئېتى لەيلى،
ماڭا بامىدۇ مەيلى.
بولسا بولمىسا مەيلى،
ماڭە بېرىپ خوگو يەيلى.
ۋاپاقىلساڭ پاۋا كۆرۈسەن،
ئۆيگە قايىتساڭ ناۋا كۆرىسەن.
قوناق يىمىگەن ئاتلا،
چاپتۇرسام ھېرىپ قالدى.
چىراي تاللىغان قىزلار،
جۈپتى يوق قېرىپ قالدى. ئايپاتەملەر.
سەنمۇ ئانانىڭ دانىسىدەك،
مەنمۇ ئانانىڭ دانىسىدەك،
ئۆزەڭنى چوڭ چاغلىما،
ئوبامانىڭ بالىسىدەك.
تۇمشۇقنىڭ بازارىدا،
قاتار-قاتار دۇكان بار،
قىز باللارنى سۆيمەڭلا،
تارقىلىشچان زۇكام با.
ھۆلدۇرۇپمۇ-ھۆلدۇرۇپ،
مەن يارىمنى كۈلدۈرۈپ،
قاچانمۇ ئەپ قاچامەن،
ياماخاغا مۇندۈرۈپ.
شارابى شانتۇ،
شەپكەم يانتۇ.
مىجەزىم ئوسال،
كۆنەلمىسەڭ نېرى تۇ.
قارلىغاچ قارابولۇر،
قانىتى ئالا بولۇر.
بودەك يارنى تدشلىماڭ،
ئورىقى ئالدامچىدۇر.
تال چىۋىقنى ئەككىچە ،
مەيلى توققا تەككىچە،
مەيلى يوققا تەگسىڭىز،
تاياق يەيسىز ئۆلگىچە.
ماخما قىزباللا؟
ئاسمانغا چىقاي ئىگىز،
بۇلۇتقا سالاي كىگىز.
مەرەمساغا ئەركەپتۇ،
تاخدىكى مايماق قىرغىز.
خىش ئوستەڭ دىگەن ئايماق،
زولاپ ساتىدۇ قايماق.
خىش ئۆستەڭدىن قىز ئامماڭ،
سىڭا سوڭگىچى مايماق.
ئاتقا مىندىم يۈگەنسىز،
ساڭا كۆيدۇم ئامالسىز.
كۆيگىنىمنى بىلمىدىڭ،
ھەي قاپاقباش ئەقىلسىز.
كەپتىرىم يۈتۈپ كەتتى،
لاچىن سوققان ئوخشايدۇ.
سۆيگەن قىز جىمىپ كەتتى،
ماشىنا سوققان ئوخشايدۇ.
قۇرغۇرۇم ئۇچۇپ كەتتى ،
قەشقەر يولىغا قاراپ.
كۆزەمنىڭ نۇرلىرى ئۆچتى،
ماي تۇگىگەن ئوخشايدۇ.
يارىمنىڭ مېڭىشلارى،
ماڭسا قول سېلىشلارى.
ھىچ كىشىگە ئوخشىماس،
ئاپىسىغا سەل ئوخشايدۇ.
ئوڭ يانمۇ ئۆتەشىم با،
سوليانمۇ ئۆتەشىم با.
سەن قارىمىساڭ يارىم،
مەنمۇ قارىماي كىتىمەن.
بىلمەي كۆڭۈل قويۇپمەن،
ئىشقى ئوتىدا كۆيۈپمەن.
تاللاپ-تاللاپ يار سۆيۈپ،
تازغا ئۇچراپتىمەن-دىسە.
ئات مىندىم ئىگە بىلەن،
چاپتۇردۇم يۈگەن بىلەن.
ئىچىمدە دەردىم تولا،
لازىم بولسا دەڭ سىزگە بىرەي.
مەنبە توردۇنياسى