تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كورىيە چەتئەلدە ئوقۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش كاپالەت سوممىسىنى ئۆرلىتىۋەتتى

  كورىيە ئاسىيا ئىقتىساد خەنزۇچە تور بېكىتىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كورىيە چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ ئاشكارلىنىشىچە « 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، D-4،D-2چەت ئەلدە ئوقۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش كاپالەت سوممىسىنى ئەسلىدىكى 3 مىليون كورىيە پۇلىدىن 13مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىتىۋەتتى» (كورىيە پۇلىغا سۇندۇرسا تەخمىنەن 14 مىليون كورىيە پۇلى بولىدۇ ).

  تاپشۇرۇپ بولغان ئوقۇش پۇلىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، يەنى ئامانەت قويغان پۇل بىلەن ئوقۇش پۇلىنى قوشقاندا 14 مىليون كورىيە پۇلى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا ئامانەت قويغان پۇلنىڭ كونكرېت ۋاقىت چەكلىمىسى يوق، ھەتتا 24 سائەتلىك توڭلىتىش ئىسپاتىمۇ بېجىرىش ھاجەتسىز، ۋىزا ۋاقتىنى ئۇزارتقاندا پەقەت بانكا پۇل ئامانەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن كۆپەيتىلمە نۇسخىسى بولسىلا كۇپايە قىلىدىكەن.

  يېقىندا، نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلار كورىيە بېرىپ ئوقۇشنى تاللىغان، لىكىن كورىيەگە كىلىپ ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇقلاردا قار ئىشچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان ھادىسىلەر دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن، ئالاقىدار ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كورىيە ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغان، ۋىزىنى ئۇزارتىش كاپالەت سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يولغا قويغان تەدبىرنىڭ بىر تۈرى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى cدىن يۇقىرى بولسا، ھەم ياخشىراق مەكتەپتە ئوقۇسا، كاپالەت سوممىسىنى ئەھۋالىغا قاراپ ئازايتىدىكەن، لىكىن كونكرېت سوممىسىنى كورىيە چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قارار قىلىدىكەن.

  يەنە بىر تەرەپتىن، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش باشقا تەييارلىق ماتىرياللىرى كەڭ كۆلەمدە ئۆزگەرمىگەن، لىكىن رەسمىيەت ھەققى ئەسلىدىكى 30 مىڭ كورىيە پۇلىدىن 20 مىڭغا تۆۋەنلىگەن.

 

 مەنبە: ئۇزار تورى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز