سۈت پۇرىقى قويۇق بولغان سۈت تابلېتىغا بالىلار ئامراق. ئاتا- ئانىلار سۈت تابلېتىنى «قاتتىقلاشتۇرۇلغان سۈت»، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دەپ قاراپ، بالىلارغا دائىم ئېلىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن سۈت تابلېتىغا ھەر خىل خۇرۇچلار قوشۇلغان بولۇپ، زىيادە ئستېمال قىلىش بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق.
ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت تابلېتىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ، مەسىلەن، قوي سۈتى تابلېتى، كالا سۈتى تابلېتى دېگەندەك، بىراق ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن سۈت تابلېتىغا پۇراقلىق ماددا قوشۇلغاچقا، بالىلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئىستېمال قىلىشغا ماس كەلمەيدۇ.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-11/27/content_475586.htm