ئوقۇغۇچىم
( نەسىر)
ئامىنە ئابلىز
(كېرىيە ناھىيە شەنبەبازار بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ئوقۇتقۇچى بولۇپ تۇنجى قېتىم مۇنبەرگە چىققىنىمدا ماڭا قىزىقىش، ئەيمىنىش، ئۈمىد ئىلكىدە تىكىلگەن نەچچە جۈپ كۆز ئالدىدا خېلىغىچە نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. بەلكىم سورىغۇڭ كېلىۋاتقاندۇ ئوماق ئوقۇغۇچىم: «مۇئەللىم، ئەجىبا سىزدە بىزگە گەپ قىلغۇدەكمۇ تەييارلىق يوقمىدى؟››.
ئەمەلىيەتتە ىۇنداقمۇ ئەمەس، شۇ تۇنجى سائەتلىك دەرس ئۈچۈن ئاۋۋال سىلەرگە نېمە دېيىشنى، كىتاپ مەزمۇنىنى قانداق يەتكۈزۈشنى ھەتتاكى دوسكىغا خەتنى قانداق يېزىشنىمۇ ئوبدانلا مەشىق قىلىۋالغان ئىدىم.
‹ساۋاقداشلار، مەن سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىڭلار، ھەممەيلەننىڭ دەرسنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشىنى، قانداق سوئال بولسا تارتىنماي سورىشىنى ئۈمىد قىلىمەن› كۆڭلۈمدە نەچچە رەت يادلىغان، سىلەرگە ئىللىق تەبەسسۇم، يېقىملىق ئىنتۇناتسىيە بىلەن ئېيتىشنى ئويلىغان شۇ سۆزۈممۇ ئېسىمدىن قاچتى. توۋا، مەن ئۆز-ئۆزۈمدىن سورىدىم، ئەمدىلا 12-13 ياشلارغا كىرگەن، پۈتۈن تۇرقىدىن يۇۋاشلىق، ساددىلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇ بالىلار ئالدىدا مېنىڭ شۇنچە ھودۇقۇپ قېلىشىمنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ ئۇلار ئارىسىدا نە بىرەر باشلىقنىڭ، نە كاتتا ئادەملەرنىڭ پەرزەنتى يوققۇ؟ شۇندىلا مەن سىلەرگە قايتىدىن نەزەر تاشلىدىم. توپا باسقان قاسماق يۈزلەر، ئۈستىباشلار، ساپما كەشلەر ئارىسىدىن مارىلاپ تۇرغان يالاڭ پۇتلار... بىراق بۇلار سىلەرنىڭ ساپلىقىڭلارغا، پاكلىقىڭلارغا ھەرگىزمۇ تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، مۇشۇ مىنۇتلاردىلا مەن ماڭا باققان شۇ كۆزلەر كەينىدە يەنە شۇ كۆزلەرگە ئوخشاش تالاي جۈپ كۆزنى كۆرگەندەك بولدۇم، ئەنە، ئۇ كۆزلەر ماڭا چەكسىز ئېتىزلار قوينىدا، جاڭگاللىقلاردا كۈلۈپ قاراۋاتىدۇ، مۇڭلۇق يىغلاۋاتىدۇ، ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ ھال- مۇڭىنى تۆكۈۋاتىدۇ.
توغرا، ئەي سۈيۈملۈك بالىلىرىم، ئوماق ئوقۇغۇچىلىرىم، سىلەر ھەرگىزمۇ مەن ‹ئا› دىسەم ‹ئا›، ‹ب› دېسەم ‹‹ب›› دەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئاۋاز ئالغۇ ئەمەس. سىلەر تالاي جاپاكەشلەرنىڭ، مېھنەتكەش خەلقنىڭ ماڭا ئوخشاش مۇئەللىمگە تۇتقان يۇقىرى ئۆسۈملۈك ئامانىتى. سىلەرنىڭ قىممىتڭىلارنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەن ھەر بىر سۆزنى ئويلاپ دېيىشىم، ھەر بىر ھەرىكەتنى ئويلاپ قىلىشىم كېرەك!
بىلەمسەن ئوقۇغۇچىم، سېنىڭ ماڭا قاراپ شۈمشىيىپ ئولتۇرۇشلىرىڭدىن، ئەركىن سوئال سوراشلىرىڭنى، ۋاقتى كەلگەندە ھەتتا قاقاھلاپ، كۈلۈشلىرىڭنى، نېمىگىدۇر ھەيرانلىق ئىلكىدە سىرلىق خىياللارغا پېتىشىڭنى ئەلا بىلىمەن!
دوسكىغا خەت يېزىۋاتقاچ ئارقىدىكى پارتىدا ئولتۇرىدىغان ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدىكى ساۋاقدىشىغا قەغەز ئايروپىلان ياساپ ئۇچۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىدىن قورقۇپ دەرھاللا بېشىنى تۆۋەن قىلدى، باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا رەنجىش ئىلكىدە قاراشسا، ماڭا ‹‹ئۇنى قانداق جازالايسىز؟›› دېگەندەك بېقىشتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى بىچارە تۇرقىغا قاراپ يىغلىغۇم، قانداقتۇر ئازاپ بىلەن بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ تازا يىغلىغۇم كەلدى.
خېلىدىن بېرى سەن كۆرۈش تۈگۈل، ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان سىرلىق ھېكايىلەرنى، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھاياجانلىنىپ نەچچە رەت سۆزلەپ، يەنە سېنى قايتا- قايتا كىتاب ئوقۇتقۇزۇپ، سوئال- جاۋاپ يادلاتقۇزۇشنىڭ شۇ قەدەر مەنىسىز ئىش ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، سەنمۇ ئادەم، سېنىڭدىمۇ يۈرەك، گۈزەل خىياللارغا باي قەلب بارغۇ؟ شۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ھېس قىلالمىساڭمۇ، قەغەز بىلەن ئايروپىلان ياسىشىڭ، ئۇنى ئاسماندا ئۇچۇرالمىساڭمۇ، دوستۇڭغا بولسىمۇ ئەۋەتىشىڭ سېنىڭ ھوقۇقۇڭ. شۇنداقلا، ماڭا قىلغان سەمىمىي تەنبىھىڭ!
مەن ئوقۇغان گۈزەل شېئىرلاردىن سەن تاتلىق ھېسلارغا چۆمۈپ، شېرىن مىسرالارنى ئىجاد قىلىشقا تىرىشىسەن، مەن ھەل قىلغان مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن ئەتراپىڭدىكى كىچىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىسەن، مەن سۆزلىگەن تۈگىمەس قۇرۇق سۆز، ئۈنۈمسىز دەرستىن زېرىككىنىڭدە ئۆز خىيالىڭدا بولىسەن... بولدى سۈيۈملۈك ئۇكام، بېشىڭنى كۆتۈر، گۇناھ سېنىڭدە ئەمەس، ماڭا قارا، ياشقا تولغان قارا كۆزلىرىڭنى يۈرىكىم سۆيۈۋاتىدۇ، ماڭا قىلغان ياردىمىڭگە قەلبىم گۈلدەستە راسلاۋاتىدۇ.
ئۇ كۈنى قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى، لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار قوينىدا ئاندا- ساندا ئۆتۈۋاتقان ماشىنا، تىراكتور يەنە خۇشاللىق بىلەن سەكرىشىۋاتقان بالىلاردىن باشقا ھېچ نەرسە بولمىغان يولدا ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن ماشىنا ساقلاۋاتاتتىم. ماشىنىلارغا سۇنۇلغان قوللىرىم جاۋاپسىز لەيلەپ قالاتتى، شۇ تاپتىكى سوغۇق جىسمىمنى مۇزلاتسا، ئۈمىدسىزلىك روھىمنى توڭلاتقان ئىدى، ئوقۇتقۇچى بولغاندىن بېرى بۇ يوللاردا قانچىلىك ئىسسىقتا، بوران- يامغۇردا، يەنە ھازىرقىدەك قاردا قالغىنىم ئېسىمدە يوق. مەنزىل يىراق، بىراق ئەمدى پىيادە قايتمايمۇ ئامال يوق. بۈگۈن مەكتەپكە بارالمىغان ئوقۇغۇچىمنىڭ بىرى ئاغرىپ قاپتۇ، يەنە بىرسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى ئاتا- ئانىسىمۇ ئۇقمايدىكەن، ئەگەر ئۇلار ئەتە مەكتەپكە بارالىغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىم نەگە كەتكەندۇ؟ نېمىشقا شۇنداق قىلغاندۇ؟ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭ روھىيىتىگە نېمىشقا دىققەت قىلمىغاندىمەن... بىرەر يامانلىققا ئارىلىشىپ قالمىسا بولاتتى.
-مۇئەللىم ھارۋىغا چىقىۋالامسىز؟
قېشىمدىلا توختىغان ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا، ھارۋا ھەيدەۋاتقان، ئۈستىگە ئۇزۇن پاختىلىق چاپان، بېشىغا تەلپەك كىيىۋالغان، يۈزلىرىنى قارا رەڭلىك شارپىدا ئورىۋالغان ئۇستامغا ھەيرانلىق، خۇشاللىق ئىلكىدە قارىدىم، شۇ تاپتا ئۇ قار ئۇچقۇنلىرى ئارىسىدا كۆزۈمگە رىۋايەتلەردىكى ‹‹ئاق ئاتلىق شاھزادە››، بىر توپ كېپىنەكلەر دۇنياسىدىكى گۈلچىدەكلا كۆرۈنۈۋاتاتتى. نېمىدىگەن ساپ نىيەت، ئاقكۆڭۈل كىشى ھە!- ئۇ مېنىڭ مۇئەللىم ئىكەنلىكىمنى، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلگەندۇ؟
-چىقىۋېلىڭ مۇئەللىم، ئۆيىڭىزگىچە ئاپىرىپ قويىمەن.
ھارۋىغا ھاياجان بىلەن چىقتىم، ئۇ مېنى ھېچقانداق سوئال- سوراقسىزلا ئۆيۈمنىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويدى.
- ئۆيۈمنى بىلىدىكەنلا ھە؟
- قانداقسىگە بىلمەي، مۇئەللىم.
ئۇ شۇنداق دېگەچ يۈزلىرىنى ئورۇۋالغان شارپىسىنى ئېلىۋەتتى، قاپقارا قوشۇما قاش، قوي كۆز، سەل ياداڭغۇ يۈز... مەن بۇ كۆزنى قاچاندۇر كۆرگەندەك قىلىمەن، ئۈستىبېشى ئاپپاق قارغا پۈركەنگەن بۇ ئادەم مېنىڭ چۈشۈمدىكى ھېلىقى ئەۋلىيامۇ- يا؟ بەلكىم شۇ ئەۋلىيانىڭ رېئاللىقتىكى بالىسىدۇر.
- مەن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز مۇئەللىم، سىز بىزگە بەك ياخشى تەربىيە بېرەتتىڭىز، سىزنىڭ ھەر سائەتلىك دەرسىڭىزنى مەن تەلمۈرۈپ كۈتەتتىم، تېخى بىر قېتىم مەن سىزگە بالىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىشىپ بەرگەن. شۇ چاغلاردا سىزدىن جىق گەپلەرنى سورىۋالمىغىنىمغا ئۆكۈنىمەن.
توغرا، ئۇ مېنىڭ بۇلتۇر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىم ئىدى. گەپ- سۆزىنىڭ يۇمۇرلۇقلىقى، زېھنىنىڭ ئوچۇقلىقى بىلەن ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم، ئۇنىڭ داۋاملىق ياخشى ئوقۇسىلا كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىغىمۇ ئىشىنەتتىم. ئەمدى ئۇ نېمىدەپ ھارۋا ھەيدەپ يۈرگەندۇ؟ مەكتەپكە بارمىغانمىدۇ؟
- مەكتەپكە بارمىدىڭىزمۇ ئۇكام؟ داۋاملىق ئوقۇيمەن دېگەنتىڭىز؟
- ئوقۇي دېگەن، بىراق دادام ئاغرىپ قالدى، شۇڭا بۇ ھارۋىنى ھەيدەپ ئۇنى داۋالاتمىسام بولمىدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىمدە ئازاپلىق پىغان چۇقان سالدى. بىلەمسەن ئەقىللىق ئوقۇغۇچىم، مۇئەللىمىڭ بۈگۈنكىدەك قارلىق كەچتە تالادا قېلىپ توڭلاپ ئۈلۈشكە رازى ئىدى، مۇبادا سەن مۇشۇ مىنۇتلاردا ئىللىق سىنىپتا خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلالىغان بولساڭ. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، سەن بىر كۈنلەردە ئۈچ چاقلىق مۇنۇ ھارۋاڭ بىلەن ئەمەس ئەقلىي كېمەڭ، زېھنىي ماشىناڭ بىلەن ماڭا ئوخشاش يوللاردا تەمتىرەپ قالغانلارنى تېخىمۇ يىراق، تېخىمۇ گۈزەل مەنزىللەرگە ئاپىرىپ قويالايتتىڭ.
خەير، داداڭ ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭغا، بەرگەن قۇربانلىقلىرىڭغا ئېسەنلىك تىلەيمەن، قارغا ئوخشاش پاك قەلبىڭگە تېخىمۇ ئاقلىق يار بولغاي!
«مۇئەللىم ، ئاتا- ئانام ئاجرىشىپ كەتتى ، بۇنىڭغا مەن، ئېنىقراقى سىز سەۋەپچى بولدىڭىز»
بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن، ئۇدا ئۈچ يىل سىنىپ باشلىقى بولۇپ ئوقۇغان، ماڭا، خىزمىتىگە سادىق، كۆڭلۈمدە ئۆز قېرىندىشىمدەكلا يېقىن تۇرىدىغان رەھىمنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن خاتىرىسىنى ئېلىپ، شۇ بىر جۈملە سۆزنى ئوقۇپلا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭغا ئامراق بولغىنىم ئۈچۈن ھېيت- بايراملاردا كىيىم- كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلاتتىم. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى مەندىن رازى ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىگە مەن سەۋەپچى بولدۇم؟ بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئۇلارنى كۆرمىگىنىمگە نە زامان؟
خاتا يېزىلغان بولسا كېرەك، دېگەن خىيالدا داۋامىنى ئوقۇشقا كىرىشتىم:
«مۇئەللىم، سىز ماڭا ئامراق ئىدىڭىز، مەنمۇ شۇ. كېچىلرى تېزراق تاڭ ئېتىشىنى، بالدۇرراق سىزگە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيىگە قايتىش يولىدا قىلغان بولمىغۇر قىلىقلىرىدىن دوكلات بېرىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، يۇقىرىدا سىزنىڭ تەربىيىڭىز، تۆۋەندە مېنىڭ ‹كۆزەتچىلىكىم› بولغاچقا، سىنىپىمىز دائىم ئىلغار سىنىپ كوللېكتىپى بولۇپ باھالانغان ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، مانا ھازىر بىرگە ئوقۇغان شۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھېچقايسىسى مېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۆتكەن ئايدا قەمبەرگۈلنىڭ تويى بوپتۇ، 52نەپەر ساۋاقداشنىڭ ھەممىسى قاتنىشىپتۇ، مەنلا تەكلىپ قىلىنماپتىمەن. ئەمگەكنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا ئۇلار بىللە ئىشلەيدىكەن، ھېچكىمنىڭ ئاتا- ئانىسى ئېتىزغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. لېكىن ئىشنى ھەم خۇشال ھەم تىز ھەم ياخشى قىلىشىدىكەن. ئەمگەك مەيدانى خۇددى ئۇلارنىڭ سەنئەت مەيدانىدەك ناخشا، كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىكەن، ئۇنداق چاغدا ئۇلار نە سىزدەك مۇئەللىمنىڭ يېتەكلىشىگە، نە مەندەك سىنىپ باشلىقىنىڭ ‹ئايغاق› چىلىقىغا مۇھتاج بولمايدىكەن.
بىلەمسىز مۇئەللىم؟ بىر چاغلاردا «رەھىمجان» دەپ ماڭا خۇشامەت قىلىدىغان دوستلىرىم ھازىر مېنى ئارىغا ئالمايدۇ، مەھەللىدە يالغۇز قالغىنىمدا مۇكاپات ئالغان خاتىرە بۇيۇملارغا قاراپ تەسەللىي ئىزدەيمەن، ئەمما ھېچقانداق مەنا تاپالمايمەن، ئادەم ئۈچۈن دوستلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ بۇنچە ئازاپلىق ئىش ئىكەنلىكىنى كېچىكىپ چۈشەندىم. ئىنسان، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش دېھقان بالىلىرى ئۈچۈن پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنىڭ غۇبارسىز سۆيگۈگە، چىن دوستلۇققا تولغان ئۇنتۇلماس خاتىرىسى ماڭا نېسىپ بولمىدى. مەن ئازاپلاندىم، نەچچە قېتىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ مېۋىلىك باغلاردا، توغراقلىقلاردا جاراڭلىغان كۈلكىسىگە چىدىماي يىغلىدىم، ئۇلارنىڭ شۇ خۇشاللىقىدا مېنىڭمۇ نېسىۋەم بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟
شۇنداق يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆيىمىزدە سىڭىللىرىمغا باشلىق بولۇپ بولسىمۇ خۇشاللىق تېپىشنى بىلىپ- بىلمەي ئويلاپ قاپتىمەن. بارا- بارا ئاتا- ئانام ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنىمۇ ماڭا تاپشۇردى. ئەمدى ھېچ بولمىغاندا ئۇلار بولسىمۇ مېنىڭ قىممىتىمنى بىلەتتى.
ئۆيىمىزدە ئەزەلدىن ئانامنىڭ گېپى گەپ بولىدىغان، مەكتەپتە سىزمۇ ئانامغا ئوخشاش يېقىنىم ئىدىڭىز. بارا- بارا سىڭىللىرىمدىن بۆلەك دادامنىڭمۇ ھەرىكىتىگە كۆز- قۇلاق بولۇشقا ھېرىس بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئانامدىن سورىماي توخۇنى سېتىۋەتكىنى، مەھەللىمىزدىكى قېرى سۆگەت تۈۋىدە كىملەر بىلەن موخرەك يۆگەپ چېكىشىپ ئولتۇرغىنى، بازاردا كىملەر بىلەن كۆرۈشكىنى قاتارلىقلارنى قالدۇرماي ئانامغا يەتكۈزەتتىم. ئانام دادامنىڭ مەخپىيىتىنى بىلىۋېلىپ جىدەل قىلغان ۋاقىتلاردا بىچارە دادام بۇ ئىشلارنى ئانامنىڭ قانداق بىلىۋالغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي، ئۆزىنىڭ كاج تەلىيىدىن ئاغرىنىپ پىشانىسىنى سىلايتتى. مېنى بولسا ئانام قاچاندۇر يىغىپ قويغان گۈلە- قاق، نەچچە كوي پۇل بىلەن تارتۇقلايتتى، مەن خۇشال بولاتتىم، قانداقتۇر ھاياتىمنىڭ مەنىسىنى ئەمدى تاپقاندەك بولاتتىم.
بىر كۈنى كەچتە دادام بۇلاق بويىغا سۇغا كېتىپ قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ مارىلىسام دادام قۇمۇش تۈۋىدە يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن قوشنىمىزنىڭ ئايالىنىڭ يۈزىنى «سىلاپ» ئولتۇرۇپتۇ، شۇ ھامان ئانامنى چاقىرىپ كەلدىم. ئانام بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ گەپ قىلمايلا ئارقىسىغا يېنىپ ئۆيگە قايتتى. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئۆيگە ئەمەس، چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە كەتتى ھەم پەقەت كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئەسلىدە ئۇ ئايالنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار بولۇپ، ھېلىقى چاغدا كېسىلى تۇتۇۋېلىپ دادام بولمىغان بولسا ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالاتتىكەن. ئانام دادامنىڭ ئۇ «قىلىقسىزلىق»ىنى زادىلا قوبۇل قىلالمىدى. ئاخىرى ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى. ئەمدى ئۆيىمىزدىن سىڭىللىرىمنىڭ كۈلكىسىنى، ئانامنىڭ سىيماسىنى، دادامنىڭ مىسكىن تۇرقىنى تاپالمىدىم. بىز ئۈچ بالا ئىگە- چاقىسىزلا قالدۇق.
بىلەمسىز مۇئەللىم، مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقىمنى، ئىنسانىي غۇرۇرۇمنى سىز يوق قىلدىڭىز. مۇبادا ئەينى چاغدا «بۈگۈن ئايشەم ياغلىقىنى ئالتە قېتىم چىگىۋالدى، قاسىم دەرس ۋاقتىدا ئىككى قېتىم كۈلدى، پاتىگۈل گازىر چاقتى» دېگەندەك دوكلاتلىرىمنى ئاڭلىغاندا سىزگە بولغان ساداقىتىمدىن خۇش بولۇپ كۈلمەي، ئەخمەقلىقىمگە ئېچىنغان بولسىڭىز، ماڭا «ئايغاقچىلىق» نى ئۈگەتمەي، ئادىمىيلىكنى ئۆگەتكەن بولسىڭىز بۈگۈنكى كۈندە مۇنداق قىسمەتلەرگە قالماس ئىدىم. مانا بۇ خاتىرە سىز مېنىڭ خىزمىتىم ئۈچۈن ماڭا بەرگەن، مەن تېخى ئىشلىتىپ سىزگە بېرىشكە ئۈلگۈرمىگەن قارا خاتىرىلەرنىڭ بىرسى. بۇ دەپتەردىن نەپرەتلىنىمەن، ئۆزۈمدىنمۇ نەپرەتلىنىمەن، سىزدىنمۇ ھەم. قارا خاتىرىگە رەڭداش بولغان قارا قەلبىمنىڭ قانچىلىغان قەلبكە قانچىلىغان قارا چېكىت قويغىنىنى ساناپ بېرەلمەيمەن.
خەير، مېنىڭ كەچمىشىم مەن بىلەن كەتكەي، سىزدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم ماڭا ئوخشاش قارا يۈزلەر ئەمدى چىقمىغاي...»
خاتىرە توتقان قوللىرىم تىترەۋاتاتتى. ئىشخانا تېمىغا ئېسىقلىق تۇرغان «مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن تەقدىم» دېگەن تەقدىرنامىلەر ياشقا تولغان كۆزلىرىمگە بەئەينى ھىجىيىپ تۇرغان ئالۋاستىدەك كۆرۈنىۋاتاتتى.
- مۇئەللىم، ئالىمجان تازىلىق مەيدانىغا بەش چىلەك سۇ چاچ دېسەم، ئىككى چىلەك چېچىپتۇ.
- ئايشەم يەنە....
سىنىپ باشلىقىمنىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا ۋارقىرىدىم:
- بىلىمەن!!!...
شۇ تاپتا ئوقۇغۇچىممۇ، مەنمۇ ئوخشاشلا تىترەۋاتاتتۇق.
«خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانى