خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋايتنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەم بەدىنىدە ئۇرۇش ياكى ئۇچۇشقا ئىنكاس قايتۇرىدىغان بىر خىل تەبىئىي قوغداش مېخانىزمى بولىدىكەن، كىشىلەر قاتتىق چۆچۈگەندە ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى ئادرېنالىن ئارقىلىق ئۇچۇرنى بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا يەتكۈزۈپ، ئۇرۇش ياكى ئۇچۇش ئىنكاسىنى قوزغايدىكەن. بۇنداق خىمىيەلىك ماددىنىڭ كۆپىيىشى بەدەنگە زىيانلىق بولۇپ، يۈرەك، ئۆپكە، جىگەر ۋە بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنى زەخىملەندۈرىدىكەن. تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى بىلىمىز، چۈنكى باشقا ئىچكى ئەزالاردا بۇنداق تېز زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ، بۆرەك ئاجىزلىقى، ئۆپكە ئاجىزلىقى ئادەملەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئادرېنالىن بىلەن يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىسىدىكى رېتسېپتور بىرلىشىپ ھۈجەيرە پەردىسىدىكى كالتسىي يولىنى ئاچىدۇ، كالتسىي ئىيونى يۈرەك ھۈجەيرىسىگە كىرگەندىن كېيىن، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئادرېنالىن كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلغاندا، كالتسىي داۋاملىق يۈرەك ھۈجەيرىسىگە كىرىۋېرىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئەركىن ھەرىكىتىنى توسايدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى ۋە نېرۋا توقۇلمىسىدا بىرخىل ئالاھىدە سىستېما بولۇپ، ئۇ سىنۇس دالانچە تۈگۈنى، دالانچە – قېرىنچە تۈگۈنى ۋە پۈرۈكسىيە تالالىرىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ، ئۇلار يۈرەكنىڭ رىتىمىنى تەڭشەيدۇ. بۇ سىستېمىنى بۆرەكتىكى ئادرېنالىن قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتسە، يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى قوزغىتىلسىلا ئادەم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ.
كۆپ ھاللاردا قاتتىق چۆچۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك قېرىنچىسى تىترەشنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش، يۈرەك قېرىنچىسى تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۈرەك قېرىنچىسى تەۋرەش قاننىڭ پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. قاتتىق چۆچۈشتىن باشقا يەنە ھەر خىل ئاكتىپ ۋە پاسسىپ كەيپىياتلار، مەسىلەن: قاتتىق خۇشال بولۇش، قايغۇرۇش قاتارلىقلارمۇ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/03/content_495651.htm