قېنىق گىرىمنىڭ قىلىشنىڭ زىيىنى
بەزى خانىم-قىزلارنىڭ قېنىق گىرىم قىلىۋالغانلىقىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىمىز، ئەمەلىيەتتە، قېنىق گىرىم قىلىش تېرىگە زىيانلىق. چۈنكى گىرىم بويۇملىرىنىڭ تەركىبىدە خىمىيەلىك تەركىب بولۇپ، بۇ خىل تەركىب قىسمەن كىشىلەرگە ئەكس تەسىر قىلىدۇ، ناۋادا ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ياكى ئۇزاق مەزگىل قېنىق گىرىم قىلسا. تېرىنى زەخمىلەندۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. ياشانغانلارنىڭ يۈزىدىكى قۇرۇقلارنى ئاساسلىقى تېرىدىكى ماي تەركىبى ۋە سۇ مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇپا قاتارلىق گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن تېرىدىكى سۇ ۋە ماي مىقدارىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قورۇقلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.