تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قەبرە ئۆتۈنۈش ئېلانى

ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا مەركىزىي شەھەردە خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم. دوستۇمنىڭ گېپى بويىچە ‹‹سەھرالىق›› دېگەن ئاتاقتىن قۇتۇلدۇم. دوستۇم بىلەن خىزمىتم، ئۆيۈم، بالام، دەپ قانغۇدەك كۆرۈشەلمەيتتۇق. بالىلارنى ئوقۇتۇپ ئالىي مەكتەپلەرگە يولغا سېلىۋالغاندىن كېيىن، قايتا ئىزدەشتۇق. ئۇ يۈرۈش – تۇرۇشقا دىققەت قىلىدىغان، گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ ئۆگىنىپ قالغان مودا ئايال ئىدى. ماڭا كۈندە بىرەر قېتىم تېلېفون قىلمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايتتى. ئۇ دائىم ‹‹ھەي، ئادىشىم، ئاۋۇ ئۈندىدارنى ئىشلەتسەڭ بولمامدۇ، ئۈندىداردا مۇڭداشساق تېلېفون پۇلىمىز تېجىلىپ قالاتتى ئەمەسمۇ›› دەيتتى. مەن ئۇنىڭغا ‹‹قويغىنا، شۇ نېمەڭنى، ئۈندىدارنىڭ پاتقىقىدىن ئېرىم بىلەن بالامنى قۇتقۇزالمايۋاتسام، ئەمدى ئۆزۈم پاتايمۇ؟... مۇڭداشقىڭ بولسا ئۆيگە كەل›› دېسەم، ئۇ ‹‹ۋاي مەتۇ›› دەپلا قوياتتى.

   ھېيتقا ئاز قالغان بىركۈنى دوستۇم ئىككىمىز بازارغا چىقتۇق. قۇرۇق يەل – يېمىشلەرنى مەن بىلىدىغان بازاردىن ئالماقچى بولدۇق. بازارغا بارغاندا، دوستۇم رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ:

   شۇنچە يىل ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ بۇ بازارنى كۆرمەپتىكەنمەن، بولە تېز، ئالىدىغىنىڭنى ئال، تونۇش – بىلىشلەر كۆرمەستە كېتىۋالايلى، دەپ، ھالىمنى قويمىدى. مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ھەيران قالدىم ۋە چېچىلدىم:

  -كۆرسە نېمە بوپتۇ، ناشتىلىقىمىز ئۇلارنىڭ قازىنىدا قاينىمىسا يا؟

  - ۋاي مەتۇ، دېدى ئۇ تامىقىنى چاكىلدىتىپ قويۇپ، بۇ دېگەن سەھرالىقلار كېلىدىغان بازار...

   تاپىنىمدىن كىرگەن بىر پارچە مۇز مېڭەمدىن چىقىپ كەتتى.

   -ئۆرگىلەي خېنىم، سەن بىلەن بىز سەھرادىن كەلمەي، ئانىمىز چوڭ شەھەرگە تۇغۇپ قويۇپتىكەنمۇ؟ سۈڭگىچىڭنى ئۈرۈمچىگە پاتۇرۇۋېلىپ، بۇ بازارنى ياراتمايدىغان بوپ قالدىڭما تېخى؟ مەن بۇ بازارغا يۇرتۇمدىكى قايناق بازارنىڭ سېماسىنى كۆرگىلى، يۈرىكىمدىكى سېغىنىش ئوتىنى بۇ بازارنىڭ يەل – يېمىشلىرى بىلەن باسقىلى كېلىمەن.

   ئىككىمىز ئەنە شۇنداق پات – پات تەگىشىپ قالاتتۇق. گەپ چىڭىغا چىققاندا ئۇ ئۆزىگە ياراشمىغان ساختا كۈلكىسى بىلەن ھەممىنى بىراقلا يوققا چىقىرىۋېتەتتى.

   بىر كۈنى بىرنەچچە ساۋاقداش چايدا بىللە بولۇپ قالدۇق. شۇ كۈنى دوستۇم ئىككىمىز كىيگەن پەلتۇ نۇسخىسىدىن تارتىپ رەڭگىگىچە ئوخشاش ئىدى. ئۇ پەلتۇيىنى ساۋاقداشلارغا كۆز – كۆز قىلغىلى تۇردى:

   ـ ‹‹شەرقتىكى يۈز››دىن ئالدىم، قىممەت ئەمەس، ئارانلا 2300 يۈەن، قانداق يارىشىپتىمۇ؟

   ساۋاقداشلىرىم دوستۇمنىڭ پەلتۇيىنى ھەۋەس بىلەن سىيلىشىپ ماختىشىپ كەتتى – دە، ماڭا قاراپ:

   -سىزچۇ؟ سىز نەدىن ئالدىڭىز؟ دەپ سوراپ قالدى.

   مېنىڭ گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمايدىغان مىجەزىم بولغاچقا، ئۇدۇللا جاۋاب بەردىم:

   ئوتتۇرا بازاردىن 280 يۈەنگە ئالدىم.

   ئۆزۈممۇ سەزمەي قاپتىمەن، شۇ چاغدا دوستۇم بىر ئۆڭۈپ، بىر تاتىرىپ، كۆزلىرىمگە غەلىتە تىكىلگەندەك قىلدى. چايدىن كۆڭۈلسىز قايتتۇق، ئۆيگە كېلىپ، بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئېلىشىمغا ئۇنىڭدىن تېلېفون كەلدى:

   ـ قاچانمۇ چوڭ بولارسەن ھەي مەتۇ؟ لاپ ئېتىش قانۇنغا خىلاپ بولمىغاندىكىن، داڭلىق ماگىزىنلارنى تىلغا ئېلىپ، چوڭ – چوڭ سۆزلىمەمسەن. خەق سېنىڭ پۇلۇڭنى ساناپ ئولتۇرمىغاندىكىن، ئون تەڭگىلىك نەرسە ئالساڭ مىڭ تەڭگىنىڭ، مىڭ تەڭگىلىك نەرسە ئالساڭ يۈز مىڭ تەڭگىنىڭ گېپىنى قىلىپ ياشاۋەرمەمسەن؟...

   مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلگەچكە، گاھى گەپلىرىگە ھە دەپلا قويىدىغان بولدۇم. شۇ كۈنى ئۇ تېلېفوندا بىر مۇنچە قايناپ بولۇپ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆيۈمگە كېلىدىغانلىقىنى، داڭلىق پەردازخانىلارغا بېرىپ، يۈزلىرىمىزنى يۇيدۇرۇپ، چاچلىرىمىزغا ئوزۇقلۇق بەرگۈزگەندىن باشقا، داڭلىق سودا سارايلارنى ئارىلاپ، تاللاپ ئالتۇن زىبۇزىننەت، گىرىم بۇيۇمى سېتىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىۋېدى، مەن رەت قىلدىم. ئۇ يەنە قاينىدى:

   ـ يۈرۈۋەر، يۈزۈڭنى كۇچانىڭ سوپۇنىدا يۇيۇپ، قېشىڭغا ئاناڭ تەرگەن ئوسمىنى قويۇپ، چېچىڭنى جىگدە يېلىمى، ئۇمۇ بولمىسا پولۇ ئەتكەن قازاننىڭ تېگىدە قالغان ياغ بىلەن مايلاپ يۈرۈۋەر...

   بىر كۈنى ئۇ ئۆيگە روھى چۈشكەن ھالدا كىرىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا چاقچاق ئارىلاش سورىدىم:

   ـ بۈگۈن نېمە بولدى ساڭا، ئالا كۈچۈكلىرىڭ تۇتۇلۇپ قاپتىغۇ؟

   ـ قېرىپتۇق ئاداش، دېدى ئۇ كىرېسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ، تالا – تۈزدە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟

   ـ نېمە ئىشنى دەيسەنۇي؟ مەن ئۇنىڭ باش – ئاخىرى يوق گەپلىرىدىن خاتىرجەم بولالماي سورىدىم.

   ـ سەنغۇ ئۆي بېقىشتىن باشقىسىنى بىلمەيسەن، دېدى ئۇ ئېغىر بىرنى تىنىۋېلىپ، بىز قۇراملىقلار ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن يەرلىك سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقۇدەك.

   ـ ئالە شەرىڭنى، ئۆلمەي تۇرۇپ يەرلىكنىڭ غېمىنى قىلىدىغان مودا چىقىپتىمۇ ئەمدى؟ ئۆزۈڭ ساقتۇرسەن – ھە؟

   ـ ئاخشام چايغا بارغانتىم، ھەممىنىڭ ئېغىزىدا شۇ گەپ. چايغا بارغانلارنىڭ بەزىلىرى باھاسى ئۆسۈپ كېتىدۇ، دەپ قەبرىستانلىقتىن يەرلىك سېتىۋېلىپ خاتىرجەم بولۇۋاپتۇ.

   ـ ۋاي ئاللا، پېشانەمگە بىرنى ئۇردۇم، مۇنداق ئىشلارمۇ بارمىكەن تېخى، ئۆلگەندە ياتىدىغان گۆرنىڭمۇ باھاسى ئۆسكىلى تۇرسا، قانداق ئىش بوپ كەتتى بۇ؟

  ـ سەن ئەخمەق، دەپ دىمىقىنى قاقتى دوستۇم، بېلىكوپنىڭ رولىنى ئېلىپ يۈرۈۋەر. ئادەم كۆپىيىپ، جاھان تارلىشىپ كەتتى. شۇڭا يەرلىكنىڭمۇ باھاسى ئۆرلىدى. ئادەتتىكى يەرلىكنى ئالساڭ 2000 يۈەن، پىششىق كېسەك، سېمونت، چاقچۇق ئىشلىتىلگەن ئالاھىدە يەرلىك 40 مىڭ يۈەن...

   ـ بولدى، بولدى، يەنە شۇ مودىنىڭ گېپى، مودا دېسە شۇنداقمۇ تېتىقسىزلىشىپ كېتەمدۇ بۇ كىشىلەر؟

دوستۇمنىڭمۇ تەرسالىقى تۇتتى:

يېنىمىزدىكى بار پۇلغا ماشىنا ئېلىۋېتىپتۇق. شۇنداقتىمۇ ئامالىنى قىلىمەن.

   ـ بۇنىڭ يولى ئاسانغۇ، بانكىدىن قەرز ئال، قەرز تالونىغا ‹‹ھەشەمەتلىك قەبرە سېتىۋالماقچى، ئۆزۈمگە...›› دەپ يېزىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالما.

   ـ ئالىمەن، يازىمەن، قانداق قىلاتتىڭ؟ ئىسىت، ساڭا ئۇپرىتىپ يۈرگەن ئاغزىم...

   دوستۇم چالۋاقىغان پېتى كېتىپ قالدى. ئۇ ماڭا مودىنىڭ كەينىگە كىرىپ چارچاپ قالغاندەك تۇيغۇ بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنىڭ تېلېفونىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. ئۆزىمۇ يوقاپ كەتتى. ئاڭلىسام، ئۇ چوڭ شەھەرنىڭ كۈنگىيىگە جايلاشقان قەبرىستانلىقتىن قەبرىسى ھەشەمەتلىك بىر يەرلىكنى سېتىۋاپتۇدەك. سۈرىتىنى يان تېلېفونىغا تارتىۋېلىپ، ئولتۇرغان – قوپقان يەردە باشقىلارغا كۆز – كۆز قىلىپ يۈرگىدەك...

   راستىنى ئېيتسام، ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بىر سىنىپتا ئوقۇغاننىڭ يۈزىنى دېمىسەم، باردى – كەلدى مۇناسىۋىتىمنى ئاللىقاچان ئۈزگەن بولاتتىم. ئاچچىقىمدا شۇنداق دېگەن بىلەن، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئۇنىڭغا تارتىشاتتى. ئارىلىقتا ئۇ يۇرتقا تۇغقان يوقلاپ بېرىپ، ساياھەتكە چىققان تاغ سەپىرىدە ھادىسىگە ئۇچراپ، قازا قىلىپ، يۇرتقا دەپنە قىلىنىپتۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۆمرىنىڭ تەڭ يېرىمىنى مودا قوغلىشىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئارمان بىلەن كېتىپ قالغان بۇ دوستۇمغا ئۇچرىغانلا ئادەمگە كۆز – كۆز قىلىپ ماختىنىپ يۈرگەن ھېلىقى ھەشەمەتلىك قەبرىنىڭ بوسۇغىسىنى كۆرۈش پەقەتلا نېسىپ بولمىدى. كەتكەننىڭ كەينىدىن گەپ قىلىش گۇناھ، شۇنداق بولسىمۇ، دوستۇمنىڭ گېپىنى ئەمەس، ئۇنىڭ كۆزىنى ياشلاپ قالغان ئېرىنىڭ ئىككى ئېغىز گېپىنى قىلىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. رەھمەتلىك دوستۇمغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئېرى مودا قوغلىشىپ كەتمەيتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ نامىدا كوچا دوقمۇشىغا چاپلانغان مۇنداق بىر ئېلانغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى: ‹‹قەبرە ئۆتۈنۈش ئېلانى...››




ئەسلى مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز