بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بازار ۋە تاراتقۇ تەتقىقات مەركىزى بىلەن گەنجى تورى تەتقىقات مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان «ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈزلىنىشى تەتقىقات دوكلاتى» يېقىندا ئېلان قىلىندى:
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل، مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 7 مىليون 490 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 2014-يىلىدىكى 7 مىليون 270 مىڭغا قارىغان 220 مىڭى كۆپىيىپ، يېڭى تارىخى رېكورت ياراتقان.
90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %17.3 كە يەتكەن. 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان %15.6 كىشى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلغان.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىنتېرنېت+ دەۋرىدە، پۈتكۈل خەلق ئاممىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان %15.6 كىشى ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىغان، بۇنىڭدىن قالسا سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان. تېخنىكا خادىمى بولغانلار 3-ئورۇندا بولۇپ، %9.3 نى ئىگىلىگەن. %70 تىن ئارتۇق كىشى شەخسىي شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزىگەن.
مائاش سەۋىيەسى جەھەتتە، 90-يىلىدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ توختاملاشقان مائاشى يىلسېرى ئۆرلىگەن. 2015-يىلىدىكى ئوتتۇرىچە توختام مائاشى 2687 يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلىدىكىدىن 244 يۈەن يۇقىرى بولغان.
كەسىپ تارقىلىشى جەھەتتە، مېھمانخانا باشقۇرۇش ئەڭ پۇل تاپىدىغان كەسىپكە ئايلانغان. مېھمانخانا باشقۇرۇش تۈرى، خەۋەرلىشىش تۈرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرى، قانۇن تۈرى، بازار ماركېتىڭى تۈرى، كومپيۇتېر قوللىنىشچان تېخنىكىسى تۈرى، ئېلېكتىر ئاپتوماتلاشتۇرۇش تۈرى، سودا-سانائەت باشقۇرۇش تۈرى، ماشىنىسازلىق تېخنىكىسى تۈرى، مۇھىت ئىلمى تۈرى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تۈرى قاتارلىق 11 كەسىپتىكى ئوتتۇرىچە توختام مائاشىنىڭ سەۋىيەسى ئومۇمىي ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مېھمانخانا باشقۇرۇش تۈرى، خەۋەرلىشىش تۈرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرىدىكى كەسىپلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، توختام مائاشى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، 3634 يۈەن، 3489 يۈەن ۋە 3305 يۈەن بولغان.
كەسىپكە بولغان ساداقەتمەنلىك جەھەتتە، 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان %47.6 ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىشقا چىققان تۇنجى خىزمىتىدىن 1 يىل ئىچىدە ئىستېپا بېرىشنى ئويلاشقان، 3 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەشنى ئويلاشقانلار ئاران %7.9 نى ئىگىلىگەن.
ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى جەھەتتە، مەيلى توختام ياكى ئارزۇ بولسۇن، بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرنى تاللىغانلار ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولغان. «90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا بولغان قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭجۇ ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن.