بۈگۈندىن ئېتىبارەن، سىرتنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كەسىپ بېجىرگىلى بولىدۇ، ئاتايىتەن كازىۋەن ياكى ئۇلانبايغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. شوپۇرلار پەقەت يېقىن ئەتراپتىكى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى قاتناش چوڭ ئەترىتىگە بېرىپ رەسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ. بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنى يولغا قويغان خەلققە قولايلىق يېڭى تەدبىرى ئىكەن.
شوپۇر دوستلار ھەرقايسى قاراشلىق رايونلاردىكى قاتناش چوڭ ئەترىتىگە بېرىپ پىراۋا يۆتكەش كەسپى بېجىرگەندە، ئۆزىنىڭ كىملىكى (سىرتنىڭ كىملىكى بولسا ئۈرۈمچىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىمۇ تەمىنلىشى كېرەك)، پىراۋا ۋە ئاق تەگلىك 1 سۇڭلۇق رەڭلىك گۇۋاھنامە رەسىمىدىن 4 پارچە تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.