بىر قىسىم كىشلەر تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا سائەتنىڭ قوڭغۇرىقى جىرىڭلىسا، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلمىغان ھالەتتە كۈندىلىك مەشغۇلاتنى باشلايدۇ. بۇ خىل ھالەت ئادەتتە ‹‹ئۇيقۇدىن كېيىنكى تۇرمۇزلىنىش ››ياكى ‹‹چالا ئۇيقۇ›› دەپ ئاتىلىدۇ.
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، چالا ئۇخلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىغ نەتىجىسى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىل چالا ئۇيقۇ ھالىتىدە يۈرۈش ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، نېرۋا ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يۈرەك، قان تومۇر كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزملارنىڭ قان قەنتىگە بولغان چىدامچانلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىنسۇلىنغا بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ ، ماددا ئالمىشىش توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھەتتا، يۇقىىر قان بېسىمى، زىيابىتۇس(دىيابېت) كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا ئەتىگەندە ئويغىنىپلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەي، 5–10 مىنۇت ئەتراپىدا يېتىپ، ئۇيقۇ ئېچىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-01/19/content_489815.htm