تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تېرىملىقلارنىڭ پوتا باغلاش ۋە تۇخۇم قويۇش ئادىتى


يوپۇغا ناھىيەسى تېرىم يېزىسىدىكىلەرنىڭ توي - تۆكۈنلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، قىز - يىگىت تويى باشلانغان كۈنى قىز تەرەپتە مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ كۈنى ئوغۇل تەرەپ بىردىن ئىككىگىچە چوڭ قوينىڭ گۆشىنى پۈتۈن پېتى، قىزنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن تەييارلانغان پۇل، كىيىم - كېچەك، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا بىر - ئىككى كىيىملىكتىن رەخت ياكى باشقا سوۋغا - سالاملارنى قىزنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، قىزنى كۆچۈرۈپ كېتىدۇ. ئىككىنچى كۈنى قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە جاۋابەن مېھمانغا بارغاندا، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ئوخشاشلا بىر - ئىككى كىيىملىكتىن رەخت، تويى بولغان قىز - يىگىتكە بىر يۈرۈش يوتقان - كۆرپە، نەچچە لېگەن تۇخۇم، قوماچ ياكى يەل - يېمىشلەرنى، كۈيۈئوغۇلىنىڭ بىلىگە باغلايدىغان قىزىل تاۋار پوتا (بەلۋاغلىق) ئېلىپ كېلىدۇ ھەم داستىخان ئېچىلىپ، يۇقىرىقى نەرسىلەر قويۇلغاندىن كېيىن، قىزنىڭ ئانىسى ياكى قىزنىڭ قولدىشى پوتىغا بىر لېگەن تۇخۇمنى يۆگەپ يىگىتنىڭ بېلىگە چىڭ باغلاپ، «بېلىڭىز مۇشۇ باغلانغانچە بوشىمىغاي! ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتى بىر - بىرىڭلارغا پوتىدەك چىڭ باغلانغاي!» دەپ يىگىتنى مۇبارەكلەيدۇ. يىگىتمۇ پوتا باغلىغۇچىغا 50 يۈەن ياكى 100 يۈەن سۆيۈنچە بېرىدۇ. ئاندىن، يىگىتنىڭ ئەل - ئاغىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا بەس - بەستە پوتا باغلاپ تويىنى مۇبارەكلىشىدۇ.

ھېيت پاتىھەسىدە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى كۈيۈئوغلىغا تۇخۇم قويۇش ئادىتى تېرىملىقلاردا ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇ ئادەت مېھرىبانلىقنىڭ ۋە ئىناقلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ يۇرتتا ھەر يىلى روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتا كۈيۈئوغۇل قېيىنئاتا - قېيىنئانىسىنىڭكىگە ئاتا - ئانىسى، ئورۇق - تۇغقانلىرى، يېقىن دوستلىرى بىلەن بىللە ھېيتلاپ بارىدۇ. ئوغۇل تەرەپ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ تۆت - بەش نان ۋە نەچچە كىلوگىرام قەنت - ناۋات ئېلىپ بارىدۇ. غىزادىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى قويۇپ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. قىز تەرەپمۇ جاۋابەن ھەر خىل رەڭدە پىشۇرۇلغان 100 دىن ئارتۇق تۇخۇمنى لېگەنگە تىزىپ كۈيۈئوغۇلىنىڭ ئالدىغا قويىدۇ. بۇ چاغدا ئاۋۋال چوڭلار تۇخۇمنى ئالىدۇ. ئاندىن قالغانلارمۇ تۇخۇمنى بىر - ئىككىدىن ئېلىپ يېيىشىدۇ. ئاشقان تۇخۇمنى كۈيۈئوغۇل ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ، يېقىن دوست - بۇرادەرلىرىگە ۋە بالىلارغا ھېيتلىق ئورنىدا تارقىتىپ بېرىدۇ.

كۈيۈئوغولىغا ھېيت پاتىھەسىدە تۇخۇم قويۇش ئادىتى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا، قىزنىڭ ئاچا - سىڭىللىرى ياكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، بۇ قىز تەرەپنىڭ ئەدەپسىزلىكى، كۈيۈئوغۇلغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، يېڭى توي قىلغان يىگىتلەرلا ئەمەس، قېرى كۈيۈئوغۇللارمۇ خوتۇنىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى ھايات ئورۇق - تۇغقانلىرى پىشۇرغان «كۈيۈئوغۇل تۇخۇمى»غا ئېرىشىدۇ. كۈيۈئوغۇلمۇ قەنت، ناۋات ياكى باشقا ھېيتلىقىنى ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. بۇنداق قىلىشنى ئۇلار ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ساداقىتى ۋە چىن مۇھەببىتىنىڭ شاھىتى دەپ قارايدۇ. 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز