شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاجراشقان ئاياللارنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %70 ئاجراشقان ئايالدا سېلىشتۇرۇش، خىجىل بولۇش كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن، ئەرلەرنىڭ بولسا پەقەت%30 دە شەكىللىنىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاياللار ئاجراشقاندىن كېيىن، نومۇس تۇيغۇسى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراپ، ئىككىنچى نىكاھى ئۈچۈن قارار چىقىرىشتا قىينىلىدىكەن.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى ئەر بىلەن ئايالدىكى جىنىس پەرقى ۋە پىسخىكىلىق يېتىلىشنىڭ ئوخشاشماسلىقىدىن بولىدىكەن. يەنى كۆپىنچە ئاياللار گېپىدىن ھەرقانچە كۈچلۈك ئىرادىگە كېلىپ، ئىككىنچى توينى قىلىشقا قارار چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالسىمۇ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە كەلگەندە، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ سۆز چۆچەك ۋە تەگمەكچى بولغان ئېرىنىڭ ئىلگىرىكى ئېرىدەك چىقىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئىككىلىنىپ قالىدىكەن.