بۈيۈك ئالىم ئەبۇ نەسىر بىننى تارخان بىننى ئۇلۇغ فارابى قاراخانلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە قارلۇق خانلىقىغا قاراشلىق ئامۇ ۋە سىر دەريالىرى ئارىسىدىكى فاراب (ئوترار) شەھىرىدە ھىجىرىيە 257 - يىلى ( مىلادى 870 -يىلى ) دۇنياغا كەلدى . فارابىنىڭ دادىسى مۇھەممەت فاراب شەھىرىدىكى چاسىچ قەلئەسىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا ئىشلىگەن ئېسىل پەزىلەتلىك مەرىپەتپەرۋەر بىر كىشى ئىدى .
فارابىنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرى فاراب شەھىرىدە ئۆتتى ، ئۇ كىچىكىدىنلا ئىنتايىن تىرىشچان ۋە زىرەك ئىدى . ئۇ دەسلەپ فاراب شەھىرىدە باشلانغۇچ مەلۇمات ئالدى ، ئۆز ئانا تىلىنى كۆڭۈل قويۇپ پۇختا ئۈگەندى . كېيىنچە ئۇنىڭ ئىلىم - مەرىپەتكە تەلتۈنۈشى تېخىمۇ كۈچىيىپ ، ئەرەب ئابباسىيە خەلپىلىگىنىڭ 18 - خەلپىسى خەلىپە مۇقتەدىر بىللا زامانىسىدا (مىلادى 908- 932- يىلى تەختتە تۇرغان) باغداتقا كەلدى ، ئۆزىنىڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئەرەب تىلىنى پۇختا ئىگەللەپ ، مۇرەككەپ ماۋزۇلاردا ئەرەبچە ماقالە يازغۇدەك سەۋىيەگە يەتتى . ئۇ پاك ۋە نامراتلىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى داۋامىدا كۆپلىگەن مۈشكۈللۈكلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ، بۇ مۈشكۈللەرنى يەڭدى . ئەينى دەۋىردە باغداتتا تۇرۇپ ، يۇنان پەلسەپە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەشھۇر مەنتىقىچى (لوگىكاشۇناس) ئەبۇ بەشىر مەتتا بىننى يۇنۇس ھوزۇرىدا ئىلمىي مەنتىق (لوگىكا) ئۈگەندى . فارابى قولىغا چۈشكەنلىكى كىتاپ بولسا قالدۇرماي ئوقۇيتتى ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەستە ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە تىرىشاتتى ، خاتىرە دەپتەرلىرىگە رەتلىك پۈتۈپ ئالاتتى ، ئۇنىڭ ئەبۇ بەشىر ھەتتا بىننى يۇنۇستىن ئىلمىي مەنتىق ئۈگەنگەن ۋاقتىدا يازغان تەسىراتلىرى يەتمىشچە دەپتەرگە يەتكەن ئىكەن .
فارابى بۇ مەزگىلدە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ دەۋرنىڭ مەشھۇر گرامماتىكا ئالىمى بىننى سارراجغا ئىلمى مەنتىقىدىن گرامماتىكا ۋە تىلشۇناسلىققا دائىر بىلىملەرنى ئىگەللىدى .
فارابى باغداتتا تەخمىنەن 40 يىل ئۆپچۆرىسىدە ياشىدى . كاتىپ چەلەبىنىڭ "كەشفۇر زۇنۇن" ( گۇمانلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ) ناملىق كىتاۋىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، فارابە بۇ مەزگىلدە ئىلىم ئىزلەش ھەۋىسى يەنە ئىراننىڭ ھەرران شەھىرىگە كەلدى . يەرلىك تىلنى ئۈگۈنىش بىلەن بىرگە پەلسەپە ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن داڭ چىقارغان يۇھاننا بىننى ھەيلان بىلەن بىللە ئىشلىدى . بۇ جەرياندا ئارىستوتېلنىڭ لوگىكا ۋە پەلسەپىگە ئائىت ئەسەرلىرىنى تەرجىمە ، تەپسىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى . كېيىنچە ئانا يۇرتى فاراب شەھىرىگە بېرىپ "ئەتتە ئىلىم ئەسساتى" (ئىككىنجى تەلىمات) ناملىق كىتاۋى ئۈستىدە ئىشلىدى .
10 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا فارابى مىسىرغا كەلدى ، بۇ جايدا ئىلىم - پەن مۇنازىرىلىرىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ ، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە تالانتى بىلەن زور شۆھرەت قازاندى . فارابى مىسىردىمۇ ئۇزاق تۇرمىدى ، قايتىدىن شام (سۈرىيە) غا قايتىپ كېلىپ ، ھەلەقتە ماكانلاشتى . ئىلىم - پەننىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ھالەف ھۆكۈمرانى ئەمىر سەيف ئەل دەۋلە فارابىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ كۆرۈشتى . شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ھەققىدە مۇنداق بىر رىۋايەت قالدۇرۇلغان :
" ....... 10 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سۈرىيە (شام) دىكى ھەلەف ۋە ھەلەف ئەتراپىدىكى جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھەمدانىيەتلەردىن ئەمىر سەيىف ئەل دەۋلەنىڭ ھۇزۇرىغا دەپ ئاتىلىدىغان تۇمشۇقى ئۇچلۇق ئۆتۈك كىيگەن ، كەكە ساقال ، پاكار ، كۆزلىرى يوغان ، تۈركمەن قىياپەتلىك بىر كىشى كىرىپ كەلدى . بىرقانچە تىلنى پىششىق بىلىدىغان بۇ كەمتەر ئادەم پەلسەپە ، فىقىھ (ئىسلام قائىدىلىرى توپلىمى ) ، مەنتىق ، تىب (مېدىتسىنا) ، ھەتتا شىئېر ، مۇزىكا ساھەسىدە چەكسىز بىلىمگە ئىگە بولغان فارابى ئىدى ."
شۇنىڭدىن كېيىن ، ئەمىر سەيىف ئەل دەۋلە فارابىنى ئۆز يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن ئايرىلمىدى . بۈيۈك ئالىم فارابى ئۆزىنىڭ ئىلىم - مەرىپەتتىكى دانالىغى ۋە بىلىمى ، يۈكسەك ئەخلاقىي - پەزىلىتى بىلەن ئەمىر ھەيىف ئەل دەۋلە باشچىلىغىدىكى ئوردا ئەھلىنى پۈتۈنلەي مەپتۇن قىلىۋالدى ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ، ئىشەنچىسىگە مۇيەسسەر بولدى .
فارابى پۈتكۈل ھاياتىدىكى ئىلمىي پائالىيىتى جەريانىدا ئارىستوتېلنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىنى تەرجىمە، تەپسىر قىلىشتىن تاشقىرى ، نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەرنى يېزىپ ، سامانىلار شاھى ناسىرنىڭ تەكلىۋى بويىچە "ئىككىنجى ئۇستاز" دېگەن ئومۇمىي تەخەللۇستا نەشر قىلدۇردى . ئۇنىڭ 300 پارچىغا يېقىن ئەسىرى ئىلىم - پەن دۇنياسىغا كەڭ تارقالدى .
فارابى ھىجىرىيە 338 - يىلى (مىلادى 950 - يىلى) 12- ئايدا ھەلەف بىلەن دەمەشق ئارىلىغىدا سەپەر ئۈستىدە ۋاپات بولدى ، شۇ يىلى ئۇ 80 ياشقا كىرگەن ئىدى .
ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابى ۋاپات بولغاندا ئەمىر سەيىف دەۋلە پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى باشلاپ كېلىپ ، ئۇنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ ، ئالىمغا بولغان ھۆرمەت - ئخلاسىنى ۋە پەۋقۇلئاددە يېقىنلىغىنى ئىسپاتلىدى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، فارابىنىڭ قەۋرىسى دەمەشق شەھىرىدىكى ماغاۋىيە قەۋرىستانلىغى ئەتراپىدىكى بابىل سەغىر (كىچىك دەرۋازا) تېشىدا ئىكەن .
مەنبە : ساقلانمىللىرىم