تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەتىيازدا ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر

 زۇكام: زۇكام ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدە يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر تېمپېراتۇرىغا ماس كىيىملەرنى كىيىشى، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە - ئىشىكلەرنى ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشى، سىرتقا چىقىپ يېنىك چېنىقىشى، تەرلەپ كەتكەندە كىيىم - كېچەكلەرنى ئالدىراپ سېلىۋەتمەسلىكى، سوغۇق تېگىشتىن ساقلىنىشى، ئۆيگە بارغاندا تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىچ كىيىم ۋە تاش كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېتىشى، يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغاندا ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىشى كېرەك.

 تېرە كېسەللىرى: ئەتىيازدا تېرە قۇرغاقلىشىدىغان، يىرىكلىشىدىغان، يېرىلىدىغان ۋە قانايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەتىيازدا تېرىگە سۇ تولۇقلاش زۆرۈر. خانىم - قىزلار تېرىگە سۇ تولۇقلاپ بېرىشى، نەملىك ساقلاش مايلىرىنى ئىشلىتىشى، ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول يېمەكلىك، كۆكتات ۋە مېۋە - چىۋىلەرنى يەپ بېرىشى، سامساق، قىزىلمۇچ قاتارلىق يەللىك كۆكتاتلارنى ئازراق يېيىشى كېرەك.

جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: ئەتىيازدا كۈندۈز ئۇزىراپ، كەچ قىسقىرايدىغان بولغاچقا، ئۇخلاش ۋاقتى ئازىيىدۇ، قىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆپىيىپ بېسىم ئېغىرلىشىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن مېڭە قان تومۇرلىرى قىسقىراپ، باش ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ. ئەتىيازدا بۇ خىل كېسەلدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، شوخلا، بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىنلارنى كۆپرەك يېيىش، ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش لازىم. مۇھىمى، كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، روھىي بېسىمدىن خالىي بولۇش، سىرتتا كۆپرەك چېنىقىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.

زىيادە سېزىمچانلىق: ئەتىيازدا بەدەنگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىلەر كۆپ بولغاچقا، تېرىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆپ ئالماشتۇرماسلىق، پۇرىقى كۈچلۈك گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاز يېيىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش، گۈل چاڭلىرىنىڭ تەسىرىدىن، چاڭ -توزان، شامال، كۈن نۇرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش لازىم.

قالقانسىمان بەز يەللىكى: ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋىرۇسلۇق زۇكامغا سەل قارالسا، ئېغىرلىشىپ قالقانسىمان بەز يەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كېسەلدە بويۇن قىسمى ئاغرىش، قىزىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، كۆپ تەرلەش، ئورۇقلاش، ئىسسىققا چىدىماسلىق، كۆپ غىزالىنىش، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئەتىياز پەسلىدە بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاۋا ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، بەدەننى ئىسسىق ساقلاپ، ۋىرۇسلۇق زۇكام، بادام بەز يەللىكى، ۋىرۇستىن بولغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، بەك چارچاپ كېتىشلەردىن ساقلىنىش ھەم مۇۋاپىق چېنىقىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

    ئاشقازان- ئۈچەي يەللىكى: ئەتىياز كېلىشى بىلەن يېڭى كۆكتات، مېۋە - چىۋىلەر چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلىنىش ئىلمى، پاكىز بولمىسا ئاشقازان - ئۈچەي يەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئاشقازان - ئۈچەي يەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىدە ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئىلمى ئوزۇقلىنىش، يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

كاناي يەللىكى: كاناي يەللىكى ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسىلى بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۇكامدىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىش، نورمال كىيىنىش، ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى: ئەتىيازدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەيدىنپەي ئۆرلىگەچكە بەدەندىكى ماددا مېتابولىزمى تېزلىشىپ، تېرە ئاستى قان تومۇرلىرى كېڭىيىدۇ؛ سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى ئېشىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ؛ قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئۆرلەش، ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئوبدان تەڭشەش، چېنىقىپ بولۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئۇسسۇزلۇق ئىچىش، ئوبدان ئۇخلاش، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى: نۇرغۇنلىغان كىشلەر بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبىنى سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە قالقانسىمان يان بەز بېسىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بۆرىكىدە تاش پەيدا بولغان كىشلەرمۇ ئاز ئەمەس. قالقانسىمان يان بېزى بەدەندىكى ئىچكى ئاجراتما بەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بويۇننىڭ ئالدىدا بولىدۇ، قالقانسىمان بەزگە ياندىشىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى قالقانسىمان يان بېزى ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشتۇر. قالقانسىمان يان بېزى ھورمۇنى بەدەندىكى كالتسىينى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، سۆڭەكتىكى كالتسىينى قانغا كىرگۈزىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان يان بەز بېسىمى ئېشىپ كەتسە، بۆرەكنىڭ بېسىمىمۇ ئېشىپ كېتىپ، كۆپ مىقداردىكى كالتسىي سۈيدۈك يولىغا يىغىلىپ قېلىپ قالسا بۆرەكتە تاش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بۆرەكتە تاش پەيدا بولغاندا ئالدى بىلەن بۆرەكنىلا تەكشۈرتمەستىن قالقانسىمان يان بېزى ھورمۇنىنىڭ سۈپىتى ۋە قان كالتسىيسىنىڭ قويۇقلۇقىنىمۇ تەكشۈرتۈش كېرەك. بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشتا يېمەكلىككە دىققەت قىلىش، كۆپ سۇ ئىچىش، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى يەپ بېرىش كېرەك.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/22/content_500508.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز