تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇن–تۈزۈم تەربىيەسى ـــ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇل

ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇن–تۈزۈم تەربىيەسى ـــ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش

 


ئابدۇللا ئابدۇجېلىل

(لوپ ناھىيە لوپ بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىن )

 

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى » قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. قاراردا: «قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى خەلق مائارىپ سىستېمىسى ۋە مەنىۋى  مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، تارماقلار ۋە كەسىپلەردە قانۇن ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل ئىجتىمائىي ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ  ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش،  ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپ قائىدىسى،  كوللېكتىپ نىزامى قاتارلىق ئىجتىمائىي قائىدىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى رولنى پائال جارى قىلدۇرۇش كېرەك » دەپ كۆرسىتىلدى.  

دېمەك، نىشان  ئېنىق  بېكىتىلدى. نىشان دېمەك يۈنىلىش دېمەكتۇر.  بىر خىل يۈنىلىشتە بولۇش كۈچنى مەركەزلەشتۈرىدۇ. بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى قائىدە ئورنىتىش، قانۇننى تەكىتلەش، قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈش. قانۇن-دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قائىدە. ئىلىمىز‹‹مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش پىلانىنى  ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ ئاساسى-ئاساس مائارىپ.

 ئاساس مائارىپ ـــ مائارىپ سىستېمىسىنىڭ چوڭ بىر بۆلۈكى، شۇنداقلا باشلىنىش نۇقتىسى. شۇڭا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانۇن–تۈزۈم تەشۋىقاتى تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۇلىنى پۇختا تۇتقانلىق ھېسابلىنىدۇ.

ھەر بىر مەكتەپ بىر  كوللېكتىپ ھەتتا سىنىپمۇ بىر  كوللېكتىپ. شۇڭا، مەكتەپنىڭ مەكتەپ قائىدىسى، سىنىپنىڭ سىنىپ قائىدىسى بولىدۇ. مەكتەپنى مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرى ئارقىلىق باشقۇرۇش سىنىپنى سىنىپ قائىدە -تۈزۈملىرى ئارقىلىق باشقۇرۇش،  ئوقۇتقۇچىلارنى،  ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ۋە  ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمى ئارقىلىق باشقۇرۇش،  ئوقۇغۇچىلارنى  ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە  ئوقۇغۇچىلار  ھەرىكەت ئۆلچىمى ئارقىلىق باشقۇرۇش، باشقۇرغۇچى بىلەن باشقۇرۇلغۇچى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىش، ئادەتلىنىش قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك  دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈپ كاپالىتىنى پۇختا ئورنىتىش كېرەك. مانا بۇ، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ كەلگۈسى ئوبيېكتلىرى بولغان ھازىرقى مايسىلارغا ئېلىپ بېرىلغان تەربىيەنىڭ يىلتىزى.  

«قارار»دا مۇنداق  دېيىلگەن: “ئادىل بولۇش، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ جان  تومۇرى. قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئىجتىمائىي ئادىللىققا نىسبەتەن مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. قانۇن يۈرگۈزۈشتىكى ناھەقچىلىق ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ھالاكەتلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.  »

يۇقىرىدا ھەر بىر مەكتەپنى بىر  كوللېكتىپ،  ھەتتا سىنىپنىمۇ بىر  كوللېكتىپ دەپ ئۆتتۇق.  شۇڭا، مەكتەپ قائىدە-تۈزۈمى ئالدىدا مەكتەپتىكى ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشى، سىنىپ قائىدە-تۈزۈملىرى ئالدىدا سىنىپتىكى بارلىق  ئوقۇغۇچى باراۋەر بولۇشى كېرەك.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنى»دىكى مۇھىم نۇقتىلاردا: “بايلىق مۇاپىق تەقسىم قىلىنىپ، مائارىپ باراۋەرلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ» دېيىلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ياخشى ئىزچىللاشماقتا.  دۆلىتىمىزدە ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويۇلغان  ئاساس مائارىپ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يادروسى  ئوقۇغۇچىلار باراۋەرلىكىنى ھەقىقى ئىشقا ئاشۇرۇش، سىنىپتىكى ھەر بىر  ئوقۇغۇچىغا ئوخشاش كۆيۈنۈش،  ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقى ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.  

ئەنگىلىيەلىك پەيلاسوپ باكون مۇنداقدېگەن «بىر قېتىملىق ئادىل بولمىغان سوتلاشنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئون قېتىملىق جىنايەتتىنمۇ ئېغىر،  چۈنكى، جىنايەت قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئۇ خۇددى سونى بولغۇغانغا ئوخشايدۇ.  لېكىن، ئادىل بولمىغان سوتلاش قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خۇددى سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغانغا ئوخشايدۇ. » بۇنىڭدا چوڭقۇر قائىدە  سۆزلەنگەن. ئوخشاشلا سىنىپتا بىرەر  ئوقۇغۇچى خاتا تەنقىدلىنىپ ئەدىپىنى يىسە سىنىپنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتىغا تەسىر يىتىپلا قالماستىن بەلكى  ئوقۇغۇچىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە قارشىلىش كۈچۈيىدۇ. ئۈنىڭ ئۈستىگە ياش ئۆسمۈردېگەن خاتا ئەيىبلەشكە چىداپ تۇرالمايدۇ.

  شۇڭا، سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئۇششاق زىددىيەت ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش دەپ قارىماستىن ئادىل سودىيە بولۇشى كېرەك.  چۈنكى، قۇپال ئۇسسۇل ئاددى جاۋاب يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ئوقۇغۇچىغا كىچىكىدىن باشلاپ ھەققانىي راسچىل، سەمىمىي، كەمتەر، كەڭ قۇرساق، ئەپۇچان بولۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ ئادىللىقنى ھېس قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى پەلەمپىيى ھېسابلىنىدۇ. قانۇننىڭ نۇپۇزى خەلىقنىڭ چىن يۈرۈكىدىن قوللىشى ۋە سەمىمىي ئېتىقادىدىن كىلىدۇ. خەلقنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قانۇن بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. قانۇننىڭ نۇپۇزى خەلقنىڭ ھىمايىسىگە تايىنىدۇ.

قاراردا:”قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى ياش ئۆسمۈرلەردىن باشلاپ تۇتۇش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانۇن ئىدارە قىلىش بىلىملىرى دەرس تەسىس قىلىش كېرەك.  » دەپ  ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن:

1. قانۇننى ئۇمۇملاشتۇرۇش تەشۋىق -تەربىيەسى مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تەشۋىقات، مەدەنىيەت، مائارىپ تارماقلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى قانۇننى ئۇمۇملاشتۇرۇش  تەربىيەسى داۋامىدا فونكىسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم.

2.  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئۇرۇندا قۇيۇش يۆنىلىشىدە چىڭ  تۇرۇپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسىل ئەنئەنىۋى جۇڭخۇا مەدەنىيتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئەخلاق ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەرتىپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىلخەت روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ئىسىل ئۆرپ-ئادەتلەرنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئەخلاق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كىشىلەرنى قانۇنىي مەجبۇرىيتى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئائىلە مەسئۇلىيتنى ئاڭلىق ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

3.  ئىدىيەۋى -سىياسى قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، غايە ئىتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرىنى، خەلق مەنپەتىنى، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئۇرۇندا قۇيۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى مۇقەددەس بىلىدىغان قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈش لازىم.

4.  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ۋە قانۇنغا تايىنىپ دۆلەت باشقۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئىجدىمائىي ئەخلاق، كەسپى ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى، شەخسى ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈپ، ھەم قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم ئەخلاقنىڭ تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئەخلاق ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، قانۇننىڭ ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مەدەنىيتىگە بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بىلەن ئەخلاقنىڭ بىر -بىرىنى تولۇقلىشى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ  ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

5.  سوتسىيالىستىك شەرەپ-نۇمۇس قارشى ئارقىلىق قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇلىنى پۇختا قۇرۇپ چىقىش لازىم.

ۋەتەننى سۆيۈش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، پەنگە ھۆرمەت قىلىش، تىرشىپ ئەمگەك قىلىش، ئىتىپاقلىشىپ  ئۆزئارا ياردەملىشىش، سەمىمى بولۇپ لەۋزىدە تۇرۇش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش. . .  تىن ئىبارەت شەرەپ ۋە ۋەتەنگە خەۋپ يەتكۈزۈش، خەلقتىن چەتنەش، نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىك، راھەتكە بېرىلىپ جاپادىن قېچىش، باشقىلارغا زىيان سېلىپ  ئۆزى پايدا كۆرۈش، مەنپەتنى دەپ ۋىجدانىنى سېتىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ئىنتىزامنى بۇزۇش، ئەيشى-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىش. . .  تىن ئىبارەت نۇمۇس قارشىنى پۇخرالار ئەخلاق قۇرلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بولۇپمۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائى كەيپىياتنىڭ تۈپتىن ياخشىلنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشىمىز كىرەك. چۈنكى، نۇپۇسنىڭ تۆتتىن بىرى بالىلاردۇر.  بالىلار كىلەچەكنىڭ ئىگىلىرى، تارىخنىڭ يىلتىزى، بۈگۈننى ئەتىگە ئۇلىغۇچىلار. بۈگۈنكى بالىلارنىڭ قانداق بۇلىشى كەلگۈسى دۇنيانىڭ قانداق بۇلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

6.  ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.  

 ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق ۋە قانۇن تۈزۈم تەربيسى ئېلىپ بېرىش يالغۇز مەكتەپنىڭلا ۋەزىپىسى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسىدۇر.  چۈنكى،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشىدە ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەت ئوخشاشلا بىر مۇھىم مۇھىت چەمبىرىكى.  بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە  ئوقۇغۇچىلار يۇلىقىدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ھەم  ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئاسانلا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ھەر بىر جەمئىيەت پۇقراسىدا ھەر بىر  ئوقۇغۇچىنى  ئۆز پەرزەنتىم، خەلقىمىزنىڭ، دۆلەتنىڭ پەرزەنتى دەپ تۇنۇيدىغان ئاڭنى، مەسئۇلىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كىرەك. جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر پۇخراسى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولمىغۇر ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بايقىغان ھامان ئۇنىڭغا ئارلىشىشى، تۇسۇشى، تەربيە بېرىشى كىرەك.  بۇنىڭ ئۈچۈن؛

1)ئائىلە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش.  ئوقۇغۇچىلار ئۈسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا ئائىلە مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ خاراكتىر يارىتىشدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.  شۇڭا،  ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتتە  ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، غايىلىك، پەزىلەتلىك، ئۈمۈتۋار، ئىقتسادچىل، سەمىمى بولۇپ،  ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ ياخشى تەسىر كۆرسىتىشى كىرەك.  بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس.  ئۇلار بالىلارنىڭ ئالدىدا سەت تىللىشىدۇ، ئۇرۇشىدۇ، بالىدىن قىلچە تەپ تارتمايدۇ، بالىلار ئالدىدا ئۇرۇشۇش، تىللىشىشدېگەنلەرنى قىلچە نۇمۇس ھېسابلىمايدۇ. چەتئەللىكلەر بولسا بالىلىرى ئالدىدا تىللىشىدىغان ئىش بولسا  ئۆزىنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ، بالىلارنى ھۇجۇرسىغا كىرگۈزۈۋېتىپ ياكى بالىلار يوق ۋاقىتتا ئاندىن سۇقۇشىدۇ، بالىلار ئالدىدا ئاتا-ئانىلار ھەتتا گەپمۇ تالاشمايدۇ. بالىلار ئالدىدا سۇقۇشۇشنى ئەڭ نۇمۇس، يىرگىنىشلىك ئىش دەپ بىلىدۇ.  «قانداق قېلىپ بولسا، شۇنداق ئۆتۈك چىقىدۇ» دېگەندەك، ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈندىلىك سۇقۇش-ماجرالىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ سۇقاش-ماجراسىنى ئاڭلىماي  ئۆزئارا كۈينىشىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپا پەرقى خېلىلا چوڭ بولىدۇ.

 بالىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئۇرۇش-تىللاش بىلەن ئۇلارغا ئۈنۈملۈك قانۇن تۈزۈم تەربىسى ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ، نىمىنڭ گۈزەللىك، نىمىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىگىنى، نىمىنى سۆيۈش، نىمىدىن يىرگىنىش كىرەكلىگىنى  ئېنىق بىلدۈرۈش لازىم.

2)مەكتەپ بىلەن ئائىلە تەربىيەسىدە  ئۆزئارا جىپسىلاشقان تەربىيە ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈش لازىم. مەكتەپ بىلەن ئائىلە، ئوقۇغۇچىنىڭ ئوخشاشلا  ئۆز ئائىلىسى، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى بىلەن ئاتا-ئانىمۇ ئوخشاشلا ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھېسابلىنىدۇ.  

ھازىر بىر قىسىم  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سىياسى ئېڭى ۋە ئەخلاق پەزىلىتى ھەتتا بىر قىسىم  ئوقۇغۇچىلارنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ.  ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ھاراق ئىچىدۇ، سەت گەپلەر بىلەن چاقچاقلىشىدۇ، تاماكا چىكىدۇ، تاماكا قالدۇقلىرىنى خالىغان يەرگە تاشلايدۇ،  ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر، ئادىل مۇئامىلە قىلمايدۇ،  ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەيدۇ، دوراپ، لەقەم قۇيۇپ زىتىغا تىگىدۇ، قاتتىق قول، قۇپال مۇئامىلە قىلىپ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرىدۇ. بۇنداق بېسىم، خورلۇق ئىچىدە چوڭ بولغان بالىدا تەبىئىكى، زوراۋانلىق خارەكتىر يېتىلىدۇ.

  شۇڭا، مەكتەپ تەربىيەسىدە ئەخلاقنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، ئاۋۋال ئادەم تەربىيەلەش، ئاندىن بىلىم  قورالىنى ئۇلارغا تۇتقۇزىش كېرەك.  يولداش دېڭ شياۋ پىڭ بۇ ھەقتە:  «بىلىمى بولۇپ، ئەخلاقى بولمىسا، خەتەرلىك مال، ئەخلاقى بولۇپ، بىلىمى بولمىسا كېرەكسىز مال»دەپ ئېيتقان. ئەگەر مەكتەپلەر پەننىڭ  ئۆزلۈكلىگىنى زىيادە تەكىتلەپ، بىلىمگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، گۇمانتارلىقتىن قېيىپ، ئەخلاق ۋە قانۇن تۈزۈم تەربيەسىگە سەل قارايدىكەن بىزنىڭ مىڭبىر جاپادا يېتىشتۈرۈپ چىققان ئالىم، ئىنژىنىر، دۇختۇر رەھبەرلىرىمىزدىن ئىبارەت ئىگىز ئىمارەتلىرىمىزمۇ ئەخلاق ئۇلىنىڭ ناچارلىغى بىلەن  قانۇن -تۈزۈم تەربيىەسىنىڭ كاۋاكلىقى تۈپەيلىدىن غۇلاپ چۈشىدۇ. بىز پارىخور، خىيانەتچى، ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ قايسى بىرىنى ئىلىم ئىگىسى، تېخنىكا ئىگىسى، ھىچ بولمىغاندا كەسپ ئەھلى ئەمەس دەپ ئېيتالايمىز؟ ئۇلار دۆلەتنىڭ قانۇن بازغىنى بىلەن خەلقنىڭ لەنەت تاختىسىغا مىخلانغاندا ئالدى بىلەن  ئۆزىنىڭ ئەخلاقتا ۋە قانۇن-تۈزۈمدە كەتتۈرۈپ قويغانلىغىنى ئاندىن ھېس قىلىدۇ. خەلقىمىزدە ‹‹ كىچىك ۋاقىتتا ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقان بىلەن ئوخشاش›› دەيدىغان ماقال بار.  شۇڭا،  ئوقۇغۇچىلارغا كىچىگىدىن باشلاپ بىلىم بېرىش بىلەن بىرگە ئەخلاق ۋە قانۇن تۈزۈم تەربىيەسىنىڭ تامغۇسىنى تەڭ بېسىشىمىز كىرەك. گەرچە ھازىرقى زاماندا ئەخلاق تەربيەسىنىڭ ئۈنۈمى كۈرنەرلىك بولمىغاننىڭ ئۈستىگە قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولسىمۇ  ئوقۇتقۇچىلار جاپاغا چىداپ، كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، يامان ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تەنقىتلەپ، ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى كۆپلەپ تۇنۇشتۇرۇپ،  ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم-پەننى سۈيىدىغان، تەرتىپكە رىئايە قىلىدىغان، بىدئەتلىك، ئەسەبىيلىك، خۇراپاتلىقتىن يىراق تۇرىدىغان، قانۇن-تۈزۈمنى قوغدايدىغان ئىسىل ئەخلاققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرشىش لازىم.  

3)مۇھىت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇھىت تەبىئى مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. مەيلى تەبىئى مۇھىت بولسۇن، ياكى ئىجتىمائىي  مۇھىت بولسۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشگە ئوخشاشلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ئىجتىمائىي مۇھىت جەمئىيەت كىشىللىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى  ۋە تەسىرى بولۇپ، بارلىق جەمئىيەت كىشىلىرى بولۇپمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەخلاقتا نەمۇنە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياش، يۇمران مايسا دەپ بىلىپ، شۇنداقلا  ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ، گەپ -سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە ئىجابى جەھەتتىن ئۆلگە بولۇش لازىم.  

قارايدىغان بولساق جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسسى قاتلاملىرىدىكى بىر قىسىم ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىر -بىرىنى ھاقارەتلەيدۇ، بىر-بىرىنىڭ زىيىنى، غەم-قايغۇسى، دەرت-ھەسرىتى ئۈستىدىن كۈلۈپ ھۇزۇرلىنىدۇ، كۆز ئالدىدا ياكى ئەتىراپىدا بالىلار تۇرسا بۇلارنى قىلچە ئادەم قاتارىدا كۆرمەي غەيۋەت-شىكايەت قىلىشىپ بالىلارغا ئېغىر ھالدا يامان تەسىر بىرىدۇ. بۇنداق ئەخلاقى شورتاڭ يەردە ياش، يۇمران مايسىنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئادىمىيلىك شەرتىگە توشمىغان ئادەم قانداقمۇ مۇكەممەل ئالىم، ئەدىپ، سەنئەتكار، رەھبەر،  ئوقۇتقۇچى، دۇختۇر، شوپۇر ھەتتا ھۈنەرۋەن، كاسسىپ بولالىسۇن ؟ ئىجتىمائىي ئەخلاق ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى.  

ئەخلاق بىر كوللۇلتىپ، بىر مىللەت، بىر دۆلەت ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىمكى، ھەر بىر ئىنسان  ئۆزىگە ۋە  كوللېكتىپقا مەنسۈپ بولىدۇ. ئاشۇ يەككە شەخسلەردىن توپلانغان  ئادەملەر تۇپى ئاخىرىدا بىر  كوللېكتىپ، بىر مىللەت، بىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا، ساپالىق پۇخرالارنىڭ بولۇشى، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ۋە دۆلەت بولۇشنىڭ ئاساسىدۇر.

تەبىئى مۇھىت  ئادەملەرنى ئوراپ تۇرغان تەبىئى مەنزىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.  ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسە بىز بىلەن، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ۋە مەۋجۈت بولۇپ  تۇرۇشى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. شۇڭا، بالىلاردا كېچىكدىن باشلاپ  تاغ-دەريا، دېڭىز-ئوكيان، ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆللەر، چۆللەر، تۈزلەڭلىكلەر، ئىدىرلىقلار، تۈرلۈك ھايۋاناتلار دۇنياسى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسرايدىغان، ئۇلار بىلەن دوستانە بىللە ئۆتۈدىغان، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇر ئېلىپ بەھىرلىنىدىغان، زوقلىنىدىغان ساغلام خارەكتىر  يېتىلدۈرۈش كېرەك.  ھەرگىزمۇ ئۇنى بۇزۇش ۋە دەپسەندە قىلىش ھېسابىغا  ئۆزى  ياخشى ياشاشنى  قوغلىشىدىغان  شەخسيەتچىلىك پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىپ قېلىشىغا ئۇرۇن قالدۇرماسلىق كېرەك.  ئەتراپدىكى ھەممە نەرسىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن قارىيالايدىغان كىشىلەردىن ھەرگىز ياۋۇزلۇق تۇغۇلمايدۇ.  

4) ئوقۇغۇچىلارغابولغان ئەمەلىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.  ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەتكە بەك قىزىقىدۇ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە  ئوقۇشى ھامان چەكلىك بولغاچقا،  كېيىنكى تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەردە زۆرۈر بولغان بارلىق تەربيەنى دەرسخانىدىلا ئۈگۈنۈپ كىتەلىشى ناتايىن. ئەمەلىيەت تەربيەسى  ئوقۇغۇچىلار چوڭ بولغاندىن  كېيىنكى كەسىپ تاللىشىغا، ئىختىساسلىق خادىم بولۇشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە    ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بېقىشقا، قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىشقا ئامراق كىلىدۇ. شۇڭا، بىز ئۇلارنى شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول، جانلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش  ئارقىلىق ئەمەلى تەربيە ئېلىپ بارساق، نەزىريە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، گۈزەللىك قارشىنى يېتىلدۈرگىلى، ئالى جاناپ پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرگىلى، مىجەز-خۇلقىنى ياخشىلاپ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلام تەرەققى قىلىشىنى  ئىلگىرى سۈرگىلى، ئەخلاق ۋە قانۇن تۈزۈم قارشىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنىمۇ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.  

دېمەك، بىزدە “ئىش بېشى بىلەن»دېگەن گەپ بار.  ئوقۇغۇچىلارغا  ئىلمى، پىلانلىق، نىشانلىق ئېلىپ بېرىلغان قانۇن-تۈزۈم  تەربىيەسى كېيىنكى يېڭى بىر ئەۋلاد سەرخىللارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى  بولۇپلا قالماي، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ھۇل قۇرۇلۇشى.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز