تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئالما iPhone 6s نى دەپ، iPhone 6 نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارىنى كېمەيتتى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى:

KGI ئاكسىيە ئورگىنىنىڭ ئانالىزچىسى گو مىڭچى ئۆزىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى پەرەزلىرىنىڭ ئىنتايىن توغرا چىقىدىغانلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ قىياس قىلىشىچە، ئالما شىركىتى كىيىنكى قەدەمدە ئېلان قىلىنىدىغان iPhone 6s ۋە iPhone 6s Plus نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىر-ئىككى ھەپتە كەينىگە سۈرۈپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن. شۇنداقلا، نۆۋەتتە سېتىلىۋاتقان iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نىڭ زاكاز مىقدارىنى ئازايتىپ، يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننى ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىغان.

گو مىڭچىنىڭ ئېيتىشىچە، iPhone 6s نى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ %60 نى فۇشىكاڭ، قالغان قىسمىنى خېشو بىرلەشمە تېخنىكا پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن. ھالبۇكى، iPhone 6s Plus نىڭ ھەممىسى فۇشىكاڭ تەرىپىدىنلا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، iPhone 6 نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى ئازايتىلىپ، يېڭى ئايفوننى ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما، فۇشىكاڭ شىركىتىنىڭ جېڭجۇ زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ، ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاشقا تىرىشىۋاتقان ئىكەن.

گومىڭچى يەنە بىر خۇشخەۋەرنىمۇ ئاشكارىلىغان، يەنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى كەينىگە سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننى ئېلان قىلىش ۋە بازارغا سېلىش ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچىدىكەن، 18-كۈنى يېڭى ئايفوننى بازارغا سالىدىكەن.

پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا، iPhone 6s ۋە iPhone 6s Plus قاتارلىقلار 7000-نۇمۇرلۇق ئاليۇمىن بېرىكمە مېتالىنى ماتىرىيال قىلىپ ياسىلىدىكەن، بۇ خىل ماتىرىيال ئىلگىرى ئالما قول سائىتىگە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، قاتتىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئىگىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. بۇندىن سىرىت، يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا يەنە 12 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلىنىپ، ئىلگىرىكى سەككىز مىليون پىكسىللىق كامېرانىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى 2GB بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئالما قول سائىتىگە قوللىنىلغان Force Touch نامىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد چەكمە مەشغۇلات تېخنىكىسىمۇ يېڭى ئايفوننىڭ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر يېڭى ئىقتىدارىغا ئايلىنىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: 163.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز