تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
5.5 دىيوملۇق iPhone6 Air نىڭ كەينى قېپى ئاشكارىلاندى

 سىنا يانفون تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى نۇسخىلىق مەھسۇلاتى iPhone6 نىڭ ئېلان قىلىنىشقا پەقەت بىر ھەپتە ۋاقىت قالغان پەيتتە، 5.5 دىيوملۇق iPhone6 نىڭ كەينى قېپىنىڭ سۈرەتلىرى يەنە ئاشكارىلىنىپ چىقتى. بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە، 5.5 دىيوملۇق iPhone6 نىڭ ھەقىقى مەھسۇلات نامى يېقىنقى خەۋەرلەردە دىيىلگىنىدەك  ”iPhone6L“ بولماستىن بەلكى ئىلگىرىكى تارقالغان خەۋەرلەردە دىيىلگىنىدەك  ”iPhone6 Air“ بولىدىكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىسى Nowhereelse.fr يېقىندا 5.5 دىيوملۇق iPhone6 نىڭ كەينى قېپى ھەققىدە يەنە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ئوخشاشلا كەينى قاپ ئۈستىگە LOGO دىگەن خەت بېسىلمىغان، شۇڭا نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا LOGO دىگەن خەتنىڭ ھەقىقى قىياپىتى يەنىلا بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
iPhone5s、iPhone6、iPhone6 Air قاتارلىق يانفونلارنىڭ كەينى قېپىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى،  بۇ ئۈچ خىل نۇسخىدىكى يانفونلارنىڭ ۋېنتا تۆشۈكى ئورنىدا ئازراق پەرق مەۋجۇت، بۇ پەرىقلەر ئاساسلىقى يانفون ئېكرانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئاساسى توك يولى تاختىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. ئەلۋەتتە ئىچكى تۈزۈلۈشىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر iPhone6 نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىلا بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بۇ مەسىلىمۇ 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت بىردە ئايدىڭلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز