تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللارغا ئىككى كەلىمە

ئەر-ئاياللار سەمىمىي مۇھەببىتى بىلەن بىر-بىرىنى قوللاپ ئۆزئارا ئىناق ئۆتىشىپ، ھەقىقىي مۇھەببتى بىلەن بىرنىيەت بىر مەقسەتتە سۇلماس بەخىت گۈلىنى بىرلىكتە ئېچىلدۈرۈش يولىدا ئۈن-تىنسىز ئىزدەنمەكتە...ھالبۇكى ئاز ساندىكى ئەر-ئاياللارنىڭ يۈرىكىدىكى ساپ مۇھەببىتىنى تۈگىمەس }ئازاب{ لار چىرمىۋالدى...
مەن بەخىت گۈلىنى چىكىسىگە قىسىپ ئىللىق ئائىلىسى ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىۋاتقان ئاياللارنىڭ چېھرىدىكى مۇھەببەت شادلىقىنى كۆرگىنىمىدە ئۇلاردىن سۆيۈنسەم، مۇھەببەت شادلىقىنىڭ ئورنىغا قانداقتۇر }ئازاب{ ئىسكەنجىسدە ياشاۋاتقان ئاشۇ ئاياللارنى كۆرگىنىمدە ئىختىيارسىز ھالدا كۆڭلۈمنى غەشلىك چىرمىۋالىدۇ، بۇ غەشلىك مېنى ئاياللىرىمىزغا نىسبەتەن ئاز-تولا پايدىسى تېگەر دىگەن ئۈمىدتە قولۇمغا قەلەم ئېلىشنى لايىق كۆردۈم.
ئالدى بىلەن مەن بىر ئۆمۈر جاپا-مۇشەققەت چىكىپ ئۆز خىزمەت ئورنىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ پىنسىيىگە چىققان كۆيۈمچان دادىنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بىېرەي: دادا دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ كىشى، ئەرنى ھۆرمەتلەش ئايالنىڭ بۇرچى ...بۇ ھەقىقىەتلەر ھەممىمىزگە ئايان،بۇ دادا بىرتەرەپتىن ئۆز خىزمىتىنى تولۇق ئادا قىلىش يولىدا داۋاملىق تىرىشسا يەنە بىرتەرەپتىن ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاش يولىدا ھاردىم-تالدىم دىمەي كۆرەش قىلىۋاتقان دادا. دادا ھەر قېتىم جاپالىق خىزمىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئۆيىگە قەدەم قويغىنىدا ئايالى چارچىدىڭىز،ھارمىغايسىز دىيىش تۈگۈل ئۇنىڭغا چىراي ئاچماي ھە دېسىلا تاپا-تەنە قىلىپ ھالىغا يەتمەيتىكەن،ھەتتا غىزالىنىۋاتقان ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۇنىڭغا ھەر دائىم تاپا قىلىدىكەن، سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان دادا غىزا بىلەن تەڭ ئازاب يەيدىكەن،...كۆڭلى ئۆيىدىن سۇ ئىچمىگەن دادىنىڭ كۈنلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئازاپ-ئۇقۇبەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بوپتۇ... تۈرلۈك بېسىم دادىنى ئاخىر ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىپتۇ.
يەنە بىر دادىنىڭ ھىكايىسى: بۇ دادا مەلۈم ئىدارىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ئۆز خىزمىتى بىلەن ئاۋارە ئىكەن ئائىلىسى بىلەن پەقەتلا كارى يوق. بۇنداق دېسەم ئۆز ئائىلىسى بىلەن كارى يۇق قانداق ئەردۇ دەپ ھەيران قالارسىز، ئەسلىدە بۇ ئەرمۇ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتىرىش مەقسىتىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن مەھبۇبەسى بىلەن توي قىلىپ ئىناق تۇرمۇشىنى باشلىغان لېكىن ئۇنىڭ ئايالى ھە دېسىلا ئېرىنىڭ كۆزىگە كىرۋىلىپ نەگە باردىڭىز؟نىمىشقا كەچ كەلدىڭىز؟ ۋە ئېرى ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ ئالغان سوۋغىلىرىغىمۇ نىمىشقا كەلسە-كەلمەس نەرسىلەرنى ئېلىپ پۇلنى بۇزۇسىز دىگەندەك ئايىقى چىقماس سوئاللارنى قويۇپ ئېرىدىن ئورۇنسىزلا }ئىمتىھان{ ئېلىپ قىينايدىكەن...بۇ ئەرمۇ بۇنداق تەكرا }ئازاب{لارغا بەردشلىق بېرەلمەي ئاخىرى كەچتە دىژورنى... دىگەندەك يالغانچىلىق بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئېرىنى كېچە-كۈندۈز كۆرەلمەي ئىچى تىتىلدىغان ئايال ئۇنىڭ بىلەن تەسلىكتە كۆرۈشكەندە يەنىلا ئۇخشاش مەزمۇندىكى سوئاللىرى بىلەن ئۇنى كۈتىۋالىدىكەن،بۇ سوئاللاردىن بىزار بولغان ئەر ئاچچىقىدا ئايالىغا }كۆزۈمدىن يوقال،سەندىن بىزار بولدۇم{ دەپ ئايالغا ئۆتكۈر نەشتىرىنى سانجىپ دىلىغا ئازار بىرىدىكەن،بىچارە ئايالغا دەرت ئەلەم ۋە ئاچچىق كۆز ياشلىرى ھەمرا بولىدىكەن...
تۇرمۇشىمىزدا مانا مۇشۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟دوستۇم، ئۆزىمىزدىن كۆرۈش كېرەك .چۈنكى بىز دە } پىچاقنى ئۆزەڭگە سال ئاغرىمىسا باشقىلارغا سال{دىگەن ھىكىمەت بار ئەمەسمۇ؟بىز قانداق كۆيۈنىشگە مۇھتاج بولساق ئەرلەمۇ شۇنداق كۆيۈنىشگە مۇھتاج،بىزدە يەنە}ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن يەر قىلغانمۇ خوتۇن{ دىگەن ماقالە بار، بۇ ماقالىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە ساقلايلى. ؟ئۆز ئەرلىرىمىزنىڭ ھالىغا يىتەيلى، ئۇلارنىڭ دەردى،خۇشاللىقى،بىرنىڭ دەردىمىز ۋە خۇشاللىقىمىز،خۇشخۇيلۇق ئىلكىدە ئۇلار بىلەن مۇڭدىشايلى،بىز ئۆز ئەرلىرىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى كۆرۈپ تەكگەن ئۇلارنىڭ ئېغىرىنى كۆتىرىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان شەرەپلىك بۇرچىمىز. دەيدىغىنىم ئۆز ئەرلىرىمىزگە ھەقىقىي كۈيۈنەيلى.دوستۇم ئەرلىرىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ ئۇلار بىلەن ھەقىقىي مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىمىزنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشقا ئىشەنچىڭىزنى تۇرغۇزۇپ بىرلىكتە ئىناق ئائىلىمىز ئۈچۈن تىرىشىشقا كۈچ قوشالارسىزمۇ؟

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز