ئەكرەمجان مەمتىمىن شېئىرى
چىغىر يولغا تىكىلگەن كۆزۈڭ،
كىرپىكىڭگە قونغان زەر توپا.
ئۈمىد ئاقار تومۇرلىرىڭدا،
ساڭا سوغۇق باقسىمۇ دۇنيا.
ئالدىڭدىكى غەمكىن ئورۇندۇق،
ئادەملەرگە تولسا لىپمۇلىق؛
شۇئان ئىشقا چۈشۈپ كېتىسەن
قوللىرىڭنىڭ جىلۋىسى سىلىق.
ماي رەڭگىگە كىرگەن تىككۈچىڭ،
سوۋغا قىلار ساڭا قاناتنى.
شۇنداق ياشاپ ‹‹بەگ››دەك ئۆتىسەن،
ياماپ گاھى جۇل – جۇل ھاياتنى.