تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بارماق ئىزىنى تونۇيدىغان داشېن Note 3 يانفونى ئېلان قىلىندى: 899 يۈەندىن باشلىنىدۇ

تېڭشۈن تورى خەۋىرى:

داشېن (dazen، 大神) بۈگۈن ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى تۇنجى بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە يانفون ــــ داشېن Note 3 نى ئېلان قىلغان؛ بۇ يانفون مىڭ يۈەن ئىچىدىكى ئىستېمال بازىرىنى نىشانلىغان مەھسۇلات بولۇپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسىنىڭ باھاسى 899 يۈەن، بارلىق تور شەكلىنى قوللايدىغان ھەممىباب نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1099 يۈەن ئىكەن. داشېن  Note 3 يانفونى ئەتىدىن باشلاپ تىيەنماۋ داشېن بايراقدار دۇكىنى ۋە چىكۇ تور شەھەرچىسى (奇酷商城) ئارقىلىق زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلايدىكەن، 27-ئىيۇل رەسمىي سېتىلىدىكەن.

بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردىن ئورۇن ئالدى، ئىگەللىنىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان داشېن Note 3 نىڭ بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى شىۋېتسىيەدىكى FPC شىركىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن، ئادەتتىكى ئېكران قۇلۇپىنى ئېچىش، يانفوندا ھەق تۆلەش قاتارلىقلاردىن باشقا، داشېن Note 3 دىكى بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارىنى يەنە رەسىم ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى مەخپىي ساقلاش رولىغىمۇ ئىگە ئىكەن.

كونكىرىت سەپلىمىسىگە كەلسەك، داشېن Note 3 يانفونىغا 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، 64 بىتلىق MT6753 تىپىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 16GB لىق ئاساس ساقلىغۇچ، ئالدى يۈزىگە بەش مىليون، ئارقا يۈزىگە 13 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن، قوش 4G تورى ۋە قوش كارتىنى تەڭ قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئاندىرويىد 5.1 ئاساسىدىكى ئەلالاشتۇرۇلغان 360 OS Mini سىستېمىسى قاچىلانغان، باتارىيە سىغىمى 3000 مىللىئامپىرغا يېتىدىكەن.


ئەسلى مەنبەسى: qq.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز