ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئاۋسترالىيىلىك مۇتەخەسىسلەر يېقىندا 30 مىڭ ئادەمنى 23 تۈر بويىچە تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق بىر تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلدى: ئىزچىل بەدەن چېنىقتۇرۇش بەل ئاغرىقىغا ئۈنۈم بېرىدىغان ئەڭ ياخشى دورا بولالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەتتا دورىنىڭكىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەن.
مۇتەخەسسىلەر مۇنداق دېيىشتى: ئىزچىل چېنىققانلاردا بەل ئاغرىقىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %35 تۆۋەنلىدى، ئەگەر ئۇلار ئولتۇرۇپ-قوپۇش ھەرىكىتىنىمۇ قىلسا، بەل ئاغرىقى قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەنلىشى %45 يەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، بەللىك، دۈمبىلىك ۋە ئالاھىدە ياسالغان پېتەكنىڭ دۈمبە، بەل ئاغرىقىغا دېگەندەك پايدىسى بولمايدىكەن، بەلكى پەي سوزۇش، مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇش ۋە توغرا قىياپەتتە ئولتۇرۇش بەل ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.