ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئامېرىكىدىكى «كۆكرەك بوشلۇقى كېسەللىكلىرى» ژۇرنىلى يېقىندا مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلدى: يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنىڭ يۈرەك ۋە دىئابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ تۆۋەنلىتىدىغانلىقى بايقالدى.
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان يۇقىرى تالالىق يېمەكلىك قارا بۇغداي، تېرىق، سۇلۇ، كۆك پۇرچاق، قىزىل پۇرچاق، كىچىك قىزىل پۇرچاق، باقىلە، كانىماش، يېسىمۇق، يېسسى پۇرچاق، ئاق قوناق، قارا گۈرۈچ قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، بىز ئۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارا ئاشلىق دەيمىز.