تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئىچ سۈرگەندە بانان يەپ بەرسە شىپا قىلىدۇ

 بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ بانان ئادەمنىڭ ئىچىنى بوشىتىپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، دەيدىغان سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلايتتۇق. بىراق سىز باناننىڭ ئىچ سۈرۈشنى توختىتالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بانان ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ھېسابلىنىدۇ.

 باناننىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى خېلىلا يۇقىرى، باناننىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار ۋە ۋىتامىنلار بار، بانان تەركىبىدىكى ۋىتامىن A نىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولى بار. بانان تەركىبىدىكى مول مىقداردىكى كالىي، ماگنىي ئېلېمېنتى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېلېكتىرولىدنىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بانان تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى پېكتىنلىق ماددا ئۈچەي بوشلۇقىدىكى ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۇلارنى شۈمۈرۈۋېلىپ، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ. بانان شۆپىكىنىڭمۇ مىكروب ۋە باكتېرىيەلەرنى توسۇش رولى بار. باناننى پوستى بىلەن دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئىچ سۈرۈشنى ئۈنۈملۈك داۋالىغىلى بولىدۇ. بانان تەركىبىدە يەنە ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان خىمىيەلىك ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئاشقازان - ئۈچەي دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ نورمال لۆمۈلدىشىنى ساقلاپ، ئىچ سۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.





ئەسلى مەنبەسى: tech-food.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز