تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالدۇر تۇغۇپ قويۇش سەۋەبلىرى

 تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، دىئابېت كېسىلى، باش سۈيىنىڭ زىيادە ئاز ياكى كۆپ بولۇشى بالدۇر تۇغۇپ قويۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ئىكەن. ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى زۆرۈر ئىكەن. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي يولىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بولسا ياكى ئاق خۇن ، سېرىق سۇ كۆپىيىپ كەتسە، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىپ، ئاز ھەرىكەت قىلىش قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى، زىيادە ئىششىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش سۈيى ئازلاپ كېتىپ، بالدۇر تۇغۇپ قويۇشقا سەۋەب بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلە قوش ياكى ئۈچكېزەك بولسا، بالىياتقۇغا كېلىدىغان بېسىمنىڭ ئارتىشى بىلەن ھامىلە باش سۈيىنىڭ بالدۇر يېرىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بالدۇر تۇغۇپ قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.

    شۇڭلاشقا، ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاقتى-ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەڭشىشى، بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە گۈرۈچ تۈرىدىكى تاماق بىلەم كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/01/content_476065.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز