تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ مەخپىيىتى - كىيىمىڭىز زادى قۇرۇق يۇيۇلدىمۇ يوق؟

قىش پەسلىگە كىرگەندىن بۇيان، تېمپېراتۇرا بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، قۇرۇش يۇيۇش دۇكانلىرىنىڭ تىجارىتى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. لېكىن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قۇرۇق يۇيۇشقا بەرگەن بەزى كىيىملەر قۇرۇق يۇيۇلماستىن سۇدا يۇيۇلىدۇ، ئەمىسە بۇنى زادى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟

جېجياڭ ۋېنلىڭ شەھىرىدىكى چېن خانىم يېقىندا بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنى ئەرز قىلدى. ئۇ قىممەت باھالىق بەش چاپىنىنى قۇرۇق يۇيۇشقا بەرگەن بولۇپ، كىيىمىنى ئالغىلى كەلگەندە، چاپىنىنىڭ يانچۇقىدىن بىر پۈرلىشىپ قالغان قەغەز چىققان. كىيىم قۇرۇق يۇيۇلسا قەغەز ھەرگىزمۇ پۈرلىشىپ قالمايدۇ.

قۇرۇق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ باھاسى قىممەت، 1.2 لىتىرلىق قۇرۇق يۇيۇش سۇيۇقلىقىنىڭ باھاسى41 يۈەن، 5-6 چاپاننى يۇيغىلى بولىدۇ. ھەربىرىنىڭ تەننەرخى 10 يۈەن ئەتراپىدا، ئەگەر سۇدا يۇيۇلسا بىر كىيىمنىڭ تەننەرخى بىر يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، 10 ھەسسە پەرقلىنىدۇ.

قۇرۇق يۇيۇشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى:

1. باكتېرىيەنى تازىلايدۇ  2. كىيىمنى زەخمىلەندۈرمەيدۇ 3. كىيىمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ

كىيىمنىڭ قۇرۇق يۇيۇلغانلىقىنى ياكى سۇدا يۇيۇلغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى:

1. بىر قەغەزنىڭ ئۈستىگە خەت سېلىپ، ئۈستىگە بىر تامچە ماي تېمىتىپ بەلگە قويۇپ، قۇرۇق يۇيۇلىدىغان كىيىمنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويۇڭ.

2. كىيىم يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر قەغەز پۈرلىشىپ ياكى كاللاكلىشىپ قالسا ئۇنىڭ سۇدا يۇيۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

3. قۇرۇق يۇيۇلغان كىيىمنىڭ پۇرىقى بۇرۇننى غىدىقلايدۇ، سۇدا يۇيۇلغان كىيىمدە پەقەت كىر يۇيۇش پاراشوكىنىڭ پۇرىقىلا بولىدۇ.

شۇڭا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كىيىمڭىزنىڭ قۇرۇق يۇيۇلغانلىقى ياكى سۇدا يۇيۇلغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز.



ئەسلى مەنبەسى: yynews.cnnb.com.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز