تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
روزىمۇھەممەد ياقۇپ: ئۆزلۈك چاچقۇلىرى

ئۆزلۈك چاچقۇلىرى


روزىمۇھەممەد ياقۇپ


ئۇيغۇر ياشار دۇنيادا تەبىئەتنى «ئانا» دەپ

 

ئۇيغۇر دېگەن ياشايدۇ تەبىئەتنى «ئانا» دەپ،

ئانىسىنى سۆيۈشنى بىلەر ئەھدى-ۋاپا دەپ.

 

چۆلنى بوستان ئەيلىگەن ئۇنىڭ ئىشچان قوللىرى،

بىرتال گۈلنى ئۈزۈشنى ھار ئالىدۇ گۇناھ، دەپ .

 

ماكانلاشسا قەيەرگە، تىكەر ئاۋۋال تال-تېرەك،

 ئىش-ئەمگەكنى ھەرگىزمۇ بىلمەس جەۋرى-جاپا، دەپ .

 

ئېرىق چېپىپ، سۇ باشلاپ كۆكەرتىدۇ زېمىننى،

بەرپا بولسا يېشىللىق ماختار ئۇنى ياشا دەپ.

 

يۇرت-ماكاننىڭ شاھىدى بولۇپ ئۆسەر دەرەخلەر،

نەچچە مىڭ يىل بولسىمۇ كەسمەس، ئۇنى ئىلاھ دەپ.

 

ئۆي سالغاندا ھويلىغا يېتىشتۈرەر تال باراڭ،

مېۋىسىنى كۆزلىمەس، بېرەر ياخشى ھاۋا دەپ.

 

سۆيەر ئانا تەبىئەت ئۇيغۇرنىمۇ بالام دەپ،

ئاتا قىلار بەختىنى قىلدى جاننى پىدا دەپ.

 

ھەر بىر بۇيۇم ياسىلار ئۇيغۇرلاردا ياغاچتىن،

قۇشۇق، ئاياق، جام، كاسا دەيدۇ تەنگە داۋا دەپ.

 

ساندۇق، كارۋات، بۆشۈك ھەم شوتا، ھارۋا، ئىشكاپلار

ياسىلىدۇ بەك نەپىس، ھاجەتلەرگە راۋا دەپ.

 

لىم، بالالار، جۈپ ۋاسا، ئوتۇن، تاياق ھەم ھاسا،

زۆرۈرىيەتلەر تۇرمۇشنىڭ بولۇپ قالار ئادا دەپ.

 

ئاقتۇرىدۇ تەرىنى خالىس نىيەت، سۆيگۈدە،

تەبىئەتنى خارلىساڭ بولۇر بەختىڭ قارا، دەپ.

 

سىڭىپ كەتكەن قەلبىگە شۇنچە چوڭقۇر ئەقىدە،

ئۇيغۇر ياشار دۇنيادا تەبىئەتنى ئانا دەپ.

 

ۋەيران قىلساڭ دەرۋەقە ئېكىنزارنى-بوستاننى،

مۆلدۈر، كەلكۈن، قۇم-بوران كېلەر ئەلگە جازا دەپ.

 

                  دوپپا

 

كەيدىم بېشىمغا قايتىدىن زەپ چىرايلىق دوپپىنى،

نەچچە قىسمەت ئۈستىدىن ئۆتكەن چىداملىق دوپپىنى.

 

رەڭگى-روھىمغا ياراشتى خۇددى شاھنىڭ تاجىدەك،

دىلدا سۆيگۈ ئۇرغىدى، سۆيسەم قۇلايلىق دوپپىنى.

 

قولى گۈل ئۇيغۇر قىزىغا نەچچە رەت «ئاپىرىن!» دېدىم،

چىن ساداقەت ئۆرنىكى بىلدىم سۇباتلىق، دوپپىنى.

 

چۇلغىدى روھىمنى تاغدەك ئىپتىخارىم باشقىدىن،

تاپتىم ئۆزۈمنى روھ بىلەن كەيسەم شىپاھلىق دوپپىنى.

 

ھەر يىپىدا مىڭ ھۆنەر، چىقسا بېشىڭغا گۈل ئۈنەر،

كۆرسە كىم ئايمۇ-ھۆكەر دەر جۇلالىق دوپپىنى.

 

گۈل-جىيەكلەردىن ئايان سىرى، ھېكمەت مەنىسى،

مىسلى كومپاس دەپ بىلىڭ تۆت تالالىق دوپپىنى.

 

بار ئۇنىڭدا ۋەيەنە قايغۇ-شادلىق، تەلپۈنۈش،

«پاك مۇھەببەتكە ۋىسال» دەرمەن داۋالىق دوپپىنى.

 

چاقمىغاي ئاپتاپ-تومۇز ئوتتا بېشىڭنى كۆيدۈرۈپ،

جان راھەت تاپقاي قاچان كەيسەڭ ھاۋالىق دوپپىنى.

 

يەتتە ئىقلىمدىن تېپىلماس مۇنچە نازۇك گۈل چىراي،

ئۆزلۈكى ئالەمدە يەكتا بىلسەڭ باھالىق دوپپىنى.

 

خىلمۇ-خىل ئادەم ئىچىدىن تاپتىم تونۇپ ئۇيغۇرنى مەن،

قىلدى ئەجدادىم مىراس بىزلەرگە لايىق دوپپىنى.

 

قەدرىنى بىلمەي ئۇنىڭ بىمەھەل تاشلاپتىمەن،

باسمىسۇن سەن-مەن ئارا ئەمدى جۇدالىق دوپپىنى.

 

ئۇ  بىلەن كەتسەڭ ئۆلۈپ، ئۆتسىمۇ گەر مىڭ يىل يەنە،

بۇ ئېنىق ئۇيغۇر دېگەي، كۆرسە گۇۋاھلىق دوپپىنى.

 

             كانۋاي كۆينەك

 

 

يەڭ،  ياقاسى گۈل-نەقىش ئۈستۈمدە كانۋاي كۆينىكىم،

كەلدى چاقناپ مودىدىن ھەر جايدا قالماي كۆينىكىم.

 

تىكتى سۆيگۈ رىشتىنى قىز-جۇۋانلار رەڭ بېرىپ،

قىلدى قەددىمنى گۈزەل، ئۇزلۇقتا چانماي كۆينىكىم.

 

ئۇ بىلەن كۆردۈم بويۇمنى، گۈل ئېچىلغان باغ سۈپەت،

ھۆسنىنى قىلدىم كۆرەك، بىردەممۇ، سالماي كۆينىكىم.

 

بار ئۇنىڭدا سۆيگۈنىڭ ئىزھارى بىرلە زارلىقى،

چىن ئەقىدە باغلىدىم، كەيگەنگە قانماي، كۆينىكىم.

 

ئۇ ئەمەس ئاددىي كىيىم، ئۆزگىچە سەنئەت، گۈل ھۆنەر،

ئوت چىقار كۆزدىن، يەنە كەيسەڭ ياسانماي كۆينىكىم.

 

قولدا، يىپتا گۈل-چىمەن، چاقنار ئەجەبكى نازلىنىپ،

دەر جاھانكى زوقلىنىپ: «كىم تىكتى تالماي» كۆينىكىم.

 

قايىللىقىڭدىن ئۇستىغا، ھەشقاللا ئېيتماق ھەق يەنە،

ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەقلىنى قىلدىڭ تولۇن ئاي كۆينىكىم.

 

زەر لىباسقا ئايلىنىپ، ئۆرلە،  كامال تاپ ئەل ئارا،

ئۆزگىلەر قىلسۇن رەشىك، پۇلغا ئالالماي كۆينىكىم.

 

«كىم؟» دېسە «ئۇيغۇر» دېسۇن، خەلقىمگە ماركا خاس بولۇپ،

كۆكتە كۈن باقسۇن ساڭا، ھەتتا قىيالماي كۆينىكىم.

 

              ئۆتۈك

 

ئەلمىساقتىن ئەل سېنى ئىختىيار قىلغان ئۆتۈك،

يارىتىپ ئەجداد مىراس- يادىكار قىلغان ئۆتۈك.

 

ئات مىنىپ يايلاق ئارا،  ھاجىتى چۈشكەن ساڭا،

ئۆتكۈزۈپ سوغدىن ئېسەن، بەختىيار قىلغان ئۆتۈك.

 

سەن ئەمەس تەنھا ھۆنەر ۋە يەنە بولدى ئىجاد،

كۆن، خۇرۇمنى ئەڭ بۇرۇن بىزدە بار قىلغان ئۆتۈك.

 

ئەر-ئايالغا يارىشىپ، بەردىڭ لاتاپەت باشقىچە،

ئەقلىمىزنى ئەل ئارا ئىپتىخار قىلغان ئۆتۈك.

 

تىككۈچى-مۇزدوز يەنە، يېتىشىپ چىقتى تالاي،

بۇ كەسىپتە بارچىنى ئۇستىكار قىلغان ئۆتۈك.

 

ھەم ياسانماق، قوغدىنىش بىر يولى بولغاي ئادا،

شاھ-خاقاننىڭ كۆڭلىنى ئىنتىزار قىلغان ئۆتۈك.

 

باي-گاداينى ئايرىماي، ئەيلىدىڭ ھاجەت راۋا،

قىزنى ئەرگە تويلىتىپ، چىن نىگار قىلغان ئۆتۈك.

 

شۆھرىتىڭ ئاشتى يەنە، ئۆرلىدىڭ مەنزىل تامان،

مودىغا باشلاپ سەپەر، زەربىدار قىلغان ئۆتۈك.

 

نازىنىنلار رەڭ تۈزۈپ، بىلگەي ئۆزىنى بەختىيار،

كەيسە كىملەر بەستىنى جەزىبىدار قىلغان ئۆتۈك.

 

ئەي ئۆتۈك، بەرنا ئۆتۈك،  تۆھپىسى ئەلگە يېتۈك،

ھەرقاچان رەستە–بازارنى خېرىدار قىلغان ئۆتۈك.

 

           قەدىمىي گىلەم

 

(سامپۇلدىن تېپىلغان 3800 يىللىق گىلەمگە بېغىشلاپ)

 

كۆر،  قەدىمدىن يادىكار زەپ چىرايلىق زىلچىنى،

قىلدى مەشھۇر ئەل ئارا  ئۇ خوتەننى-ئىلچىنى.

 

نەچچە مىڭ يىل كۆمۈلۈپ يەر تېگىدە ياتسىمۇ،

لاي-لاتقىلار ئۈستىدىن كەلكۈن ياساپ ئاقسىمۇ.

 

چىرىمەستىن تۇردى ئۇ ئۆز پېتىچە ساقلىنىپ،

رەڭگى ئۆڭمەي چوغ كەبىي تۇرار كۆزنى چاقنىتىپ.

 

جۇلالىنار باغ-چىمەن، گۈل-كەشتىلەر سەتھىدە،

لوڭقا تەشتەك بەك نەپىس غۇنچە گۈللەر تەكتىدە.

 

سىترىئولۇق شەكىللەر بىر-بىرىگە كىرىشكەن،

نەچچە ئون خىل رەڭ بوياق شۇنچە سىپتا سىڭىشكەن.

 

جىلۋە ئەيلەر كامالەت، پەم-پاراسەت ھۆسنىدە،

ئاپئاق تۇلپار قاناتلار قېقىپ ئۇچقان كۆكسىدە.

 

گۈزەللىكى ھەممىنى قىلدى ھەيران، لال ئەقىل،

سىر-ھېكمەتنى يەشكىلى كەلدى بۇدەم گال ئەقىل.

 

ئايان بولدى ئۇنىڭدىن سەلتەنەتلىك بىر زامان،

ئۇ قەدىمكى تارىخقا بولدى شاھىد بىگۇمان.

 

كەسىپ قىلغان ئەجدادىم ئەڭ بۇرۇنلا ھۆنەرنى،

شۇ ھۆنەردە قالدۇردى تەڭدىشى يوق گۆھەرنى.

 

بىباھادۇر قىممىتى،  جاھان ئارا يىگانە،

كۈللى ھۆنەر ئىچىدە بولدى نامى شاھانە.

 

ئەجدادىمنىڭ ئىزىنى كۆردۈم كاتتا گىلەمدىن،

«ئاپىرىن!»  دېدىم روھىغا، سۆيگۈ تولغان يۈرەكتىن.

 

(ئاپتور لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى)


مەنبە : «خوتەن مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 3-سانى

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز