ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
مۇتەخەسسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتتىن مۇنداق يەكۈن چىقتى: بېسىمغا قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز ئەرلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدۇ، بىراق ئۇلار كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بەرسە كېسەلنىڭ دەردىنى ئاز تارتىدۇ.
مۇتەخەسسلەر تەتقىقات داۋامىدا 150ئەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن ئەرلەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى بېسىمگە قارشى تۇرۇش زور كىشىلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە كۈچلۈك بولىدىكەن. شۇنداقلا بېسىمغا دۇچ كەلگەندە كەيپىياتىنى قانچە تېز تەڭشىسە، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى شۇنچىلىك ئاجىزلايدىكەن.