تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەزگىل

 30 – 39 ياش

    30 ياشتا ئاياللاردىكى ئەمچەك كېسەللىرى ئاساسەن ياخشى سۈپەتلىك (راكقا تېخى ئايلىنىپ بولالمىغان) بولىدۇ. بىراق، ياش ئاياللارنىڭ ئەمچەك تالالىق خالتىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يەنى ئەمچەك ئاغرىش، خالتىلىق ئىششىق، راكنى شەكىللەندۈرگۈچى مونەك پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئارىزونا ساقلىقنى ساقلاش ئىلمى مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كلىنىكا مېدىتسىناسى بويىچە ياردەمچى پىروفېسسورى لېئون. دوننېي دوكتور مۇنداق دېدى: «ئەمچەك ئاغرىقى دەۋرىيلىككە ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ھەيز دەۋرىگە ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ ۋە سىجىل ئاغرىيدۇ».

    ئەمچەك ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ

    ئورېگون شىتاتى ساقلىقنى ساقلاش ئىلمى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، ئورېگون شىتاتى راك كېسەللىكى جەمئىيىتى ئەمچەك ساغلاملىق تەربىيەسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئېلىزابېت. ستېن دوكتور ئاياللارنىڭ «كوففېئىندىن يىراق تۇرۇشى»نى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆكسى چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتكەندە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ئەمچەك تالاسى ئۆسمىسىنى ئالدۇرۇۋېتىشى كېرەك.

    ئەمچەكنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەڭ

    ئاياللار تۇغۇتلۇق مەزگىلىدە بالا ئېمىتسە ئەمچەك راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بالا ئېمىتكەندە ئەمچەك توقۇلمىلىرى كىچىكلىمەيدىكەن، ئەكسىچە ئەمچەك كۆپۈپ، ئەمچەك تېرىسى كېڭىيىدىكەن. ئەمچەك كىچىكلىگەندىن كېيىن، بوشىشىپ كەتكەن تېرىلەر ئەمچەكنى ساڭگىلىغاندەك كۆرسىتىپ قويىدىكەن.

    ئامېرىكا ھۆسن تۈزەش تاشقى بۆلۈمى ئىلمىي جەمئىيىتى 2007 – يىلى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كىيگەن لىپتىكنىڭ بەك چوڭ بولۇشى، كۆپ ھامىلىدار بولۇش، تاماكا چېكىش، ياشنىڭ چوڭىيىشى قاتارلىق ئامىللار ئەمچەكنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    ئەمچەكتىكى تالا باغ يەنى ئەمچەك ئاسما سىڭىرىنىڭ سوزۇلۇشىمۇ ئەمچەكنىڭ ساڭگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    ئەمچەكتە مۇسكۇل بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭ ساڭگىلىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. بىراق، بەزى دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللار ئاستا يۈگۈرگەندە ھەرىكەت قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان لىپتىك كىيگەندە ئاسما سىڭىرنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

    ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

    ئەمچەك راكى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئەمەس. ئامېرىكا دۆلەتلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 30 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان ئاياللاردا ئەمچەك راكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 229 دىن 1 نىسبەتتە ئىكەن.

    ئۇرۇقداشلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىسىلا 30 – 39 ياشلىق ئاياللار ئەمچىكىنى x نۇرىدا تەكشۈرتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمەلىيەتتە ياش ئاياللاردىكى ئەمچەك راكىنى x نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ.

    30 – 39 ياشلىق ئاياللار ئەمچىكىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئاغرىق ئەھۋالىنى دوختۇرغا ئېيتىشى كېرەك. ياش ئاياللارنىڭ ئەمچىكى ئاغرىسا ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ، بىراق ئۇلاردىمۇ ئەمچەك راكى كۆرۈلىدۇ.

    ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئەمچىكىنى تەكشۈرتۈشى، ھېچ بولمىغاندا ئايدا بىر قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

    كېلىماكتېرىيە دەۋرىدە ھەيز توختاپ 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە بولغان ۋاقىت تەكشۈرتۈشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى ناھايىتى توغرا بولىدۇ.

    40 – 49 ياش

    40 ياش مەزگىلىدە كۆپ ساندىكى ئاياللارنىڭ ئەمچىكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. دوننېي دوختۇر مۇنداق دېدى: «ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئەمچەكنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتىمۇ تېز بولىدۇ، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىن كېيىن ئەمچەك تېخىمۇ تولۇپ، بەز تالالىرى ئازىيىپ، تېخىمۇ ساڭگىلاپ كېتىدۇ».

    بۇ باسقۇچتا خالتىلىق ئىششىق دائىم كۆرۈلىدىغان ئەمچەك مونىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ خالتىلىق ئىششىق ياخشى سۈپەتلىك، لېكىن ئاغرىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىتىش، ئەڭ ياخشىسى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۇۋېتىش كېرەك.

    تىپى ئېنىق بولمىغان جىنسىي يولنىڭ ئۆسۈپ قېلىشىمۇ بۇ مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ، سۈت نەيچىلىرىدىكى بۇ نورمالسىز ھۈجەيرىلەر ئەمچەك راكىنىڭ پەيدا بولۇشى نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

    سانلىق مەلۇماتلاردىن بۇ مەزگىلدە ئەمچەك راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 40 – 49 ياشلىق ئاياللاردا ئەمچەك راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى 68 تىن1 نىسبەتتە بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/07/content_506606.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز