تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئەخمەتجان قۇربان سابىرى : كۆكدالا قەسىدىسى (شېئىر)

كۆكدالا   قەسىدىسى

(شېئىر)

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

 

 

بۈگۈن يېڭى مۇھەببەت نورۇز كۈلگەن دالادا،

شادلىق بېرىپ دىللارغا  ياڭرىدى  شوخ  ناۋادا.

ئانا يۇرتۇم قورغاسنىڭ بولۇپ يېشىل جىلۋىسى،

كۆكدالارىم ئۇچماقتا قانات  قېقىپ  سامادا.

 

جەڭچىلەرنىڭ خىسلىتى كۆكدالاغا مۇجەسسەم،

بۇندا ئۈنگەن ھەر گىيا مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئەجەم.

ئەجداتلاردىن قالغاچقا جاسارەتنىڭ  مەشئېلى،

لەپىلدەر ھەر مەنزىلدە زەپەر كۆركى تۇغ- ئەلەم.

 

بۇندا بۆرە ھۇۋلايتى  يېرىم   ئەسىر  مۇقەددەم،

قومۇشلۇقنىڭ باغرىدىن ھۇۋۇلدايتى دەرت- ئەلەم.

ھاياتسىراپ چۆللۈكلەر كىمدىندۇ  قۇت كۈتەتتى،

قەيسەر جەڭچى بۇ يەرگە قويغان چاغدا پاك قەدەم.

 

قۇمۇشلۇقلار باغرىدا ياندى  گۈلخان  لاۋۇلداپ،

تۇنجى چىراق كەپىدە  يانغانىدى   چاراقلاپ.

كۆكدالارىم شۇ چاغدا بولغان سۆيگۈ بۆشۈكى،

پەخىرلەندىم مەن بۈگۈن شۇ تارىخنى ۋاراقلاپ.

 

 

تۇنجى نورۇز نامىنى   غوجمانۇپكام   ئوقۇغان،

نادىرۇپمۇ  بەيگگە     ئارغىماقنى     توقۇغان .

قۇمۇشلۇقنىڭ باغرىدا ئوغلاق تارتسا جەڭچىلەر،

كۆكدالارىم ئويغىنىپ كۈلگەنىدى شادىمان.

 

دالادىكى  كەپىدە  نۇرلانغاندا  ئىللىقلىق،

        ئەمگەك  قايناپ ھەر يەردە، ھايات كۈلگەن بەك قىززىق.

جەڭچى ئېيتقان ناخشىدا ئەل باھارى كۈيلەنگەن،

ئۇخلاپ ياتقان زېمىندىن قوغلانغانتى غېرىپلىق.

 

ئۆتۈپ كەتتى ئاي، يىللار  باھار قوغلاپ    باھارنى،

سۆيدى بۇندا قىز -ئوغلان سانسىز سۈبھى-ناھارنى.

ياڭرىغاندا بۇيەردە  ياڭراق «يايلاق كېچىسى»

ئەزىمەتلەر تىكلىگەن ئۆلمەس يېشىل چىنارنى.

 

قانچە جەڭچى بۇ يەردە قەدەم  قويغان   زەپەرگە،

ئەۋلات ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن باش ئەگمىگەن خەتەرگە.

زەيكەش چېپىپ، بوز ئېچىپ دەستە تېزىپ يۇلغۇندىن،

ئۇلىغانتى   گۇگۇمنى   خاسىيەتلىك  سەھەرگە.

 


بىر چاغلاردا   بۇ يەردە    قۇترىغانتى   قۇيۇنمۇ،

ئۆتۈپ كەتتى ئاقىۋەت باھاردىكى جۇدۇنمۇ.

يىڭى دەۋىر ناخشىسى ياڭرىغاندا قايتىدىن،

بۇندا قايتا ياشاردى ھەر بىر توغراق، يۇلغۇنمۇ.

 

گۈزەل قورغاس باغرىدا باشلانغاندا ئىسلاھات،

كۆكدالامۇ قايتىدىن تاپتى يىڭى جۈپ قانات.

ھەممە سەپتە يىڭى جەڭ، يىڭى زەپەر قاينىدى،

قولغا كەلدى سانسىزلاپ يىڭى ئىجاد، كەشپىيات.

 

قۇمۇشزارلار ئورنىدا بۈگۈن ئورمان، ئالمىزار،

سالا- سالا ئېتىزلار دىلدا قوزغار ئىپتىخار.

تاناپ كەبى تۈز يولدا ماڭساڭ بېرەر مىڭ ھۇزۇر،

گۈلباغلارنىڭ جىلۋىسى قىلار دىلنى ئىنتىزار.

 

قۇمۇش كەپە ،لاي گەمە ئەمدى مەڭگۈ يوقالدى،

پىشايۋانلىق ئۆيلەردىن شادلىق كۈيى تارالدى.

بوز يەر ئاچقان جەڭچىنىڭ پەرزەنتلىرى ئەجرىدىن،

كۆكدالانىڭ باغرىدا مۆجىزىلەر يارالدى.

 


شەھەر دەيسەن كۆرگەندە بۇ يەردىكى بازارنى،

كۆرۈپ زىمىستاندىمۇ ئالما ،نەشپۈت ئانارنى.

مەرىپەتنىڭ باغچىسى مەكتەپلىرى بەك گۈزەل،

سەن كۆرۈسەن ئۇ يەردە سانسىز بىلىمخۇمارنى.

 

ھۆسۈن قاتتى يۇرتۇمغا قاتار- قاتار ئىمارەت،

يۇلتۇز كەبى چىراقلار تۈن - كېچىگە نۇر-زىننەت.

يېڭى بوز يەر ئېچىلىپ كېڭەيمەكتە ئېتىزلار،

ھەممە يەردە  پارلايدۇ بۈگۈن يىڭى قىياپەت.

 

تۈگەپ كەتتى قۇملۇقلار ياشناپ يىڭى بوستانلار،

باياۋاننىڭ  باغرىدا كۈلدى  ئۆلمەس ئارمانلار.

ھايات كۈلۈپ  باققاچقا  ياشنىماقتا ئەۋلاتلار،

يىزىلماقتا بۇ يەردە جاسارەتلىك داستانلار.

 

ئەمدى يىڭى زاۋۇتتا مېھنەت كۈيى ياڭرايدۇ،

مەدەت ئېلىپ زاۋۇتتىن ھەر بىر يۈرەك يايرايدۇ.

ئۇچۇپ ماڭار يوللاردا سانسىز موتۇتسىكىلىت،

ئەنە ئىشىك ئالدىدا پىكاپلارمۇ توختايدۇ.

 


بۇندا كۈلگەن غۇنچىلار ئۇچتى ئالى مەكتەپكە،

قورال قىلىپ بىلىمنى قېتىلماقتا ھەر سەپكە.

ھەممە ئىشلار يۈرۈشۈپ،گۈللەنمەكتە كۆكدالا،

ھەرخىل يىڭى تۈرلەرمۇ يەتتى بۈگۈن تەلەپكە.

 

ئانا قورغاس ھەر چاغدا كۆكدالاغا يار- يۆلەك،

كۆكدالارىم قورغارسنىڭ بېغىدىكى بىر چىچەك.

ئىتتىپاقلىق-ئىناقلىق قۇدرەت بەردى يۇرتۇمغا،

خاتىرجەملىك ئىلكىدە كۈلدى بۈگۈن ھەر يۈرەك.

 

چىگرادىكى گۆھەردەك چاقنىماقتا بۇ دىيار،

گۈزەل تەلكە باغرىدا بولۇپ يىشىل تىلتۇمار.

بوز يەر ئاچقان ئەجداتنىڭ نۇرلانماقتا ئۈمىدى،

بۈگۈن ئانا يۇرتۇمدا كۈندە نورۇز نەۋ باھار.

 

سېنى بۈگۈن كۈتمەكتە يىڭى ئارمان، كۆكدالا،

ماڭغىن يىڭى مەنزىلگە بولۇپ كارۋان ،كۆكدالا.

دەۋرىم ساڭا بەرمەكتە يىڭى غەيرەت- جاسارەت،

قورغېسىمنىڭ باغرىدا قىلغىن جەۋلان كۆكدالا.

 

 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز