تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئىچكىرى ئۆلكە مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنىدىغانلار كۆپەيتىلمەيدۇ

2015-يىللىق ئىچكىرى ئۆلكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى 20-چېسلادىن 22-چېسلاغىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۈرۈمچىدە جەمئىي 5265 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.

شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىچكىرى ئۆلكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپ مۇدىرى ما جۇڭخۇا (中华介) نىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە قەشقەر، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 1766 نەپەر ئوقۇغۇچى، شۇنداقلا بىر قىسىم بىڭتۈەن ئوقۇغۇچىلىرى ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭدا ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 40939 نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 4199 ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى شىنجاڭدىن 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، يەرلىكتىن 9530 نەپەر، بىڭتۈەندىن 350 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇندىن كېيىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى 9880 نەپەر بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەمدى كېڭەيتىلمەيدىكەن.

2000-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى مۇنەۋۋەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەخسۇس شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى %70 تىن ئارتۇقنى تەشكىل قىلغان.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز