بىر يولۇچى تاكسىغا چىقتى ۋە: «جويۇشوۋچىغا ئاپىرىپ قويۇڭە ئۇكام».
تاكسى شوپۇرى: ــ نېمە دېدىڭىز؟
ــ تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيى جويۇشوۋچىدە ئىدى، تۇغقىنىم شۇنداق دەپ بەرگەن...
ــ ھە، جاۋيۈ شىياۋچۈ دەڭ، ماقۇل.
ــ شوپۇر ئۇكام، جىشىخىيەگە ئاپىرىپ قويۇڭە؟
ــ نېمە دەيسىز؟ نەدە ئۇنداق يەر باركەن؟
ــ ئوغلۇمنىڭ ئۆيى شۇ يەردە ئىدى، پارتىيە مەكتىپى تەرەپتىكى بىنا.
ــ ھە، جىنشىڭ خۇۋايۈەن دەڭە.
ــ ھە شۇنداقمۇ، بۇ شەھەردىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيى بار مەھەللىگە ئادەمنىڭ يا تىلى كەلمىگەن. بۇرۇن قەشقەر مەھەللىسىگە، تېرەك كوچىسىغا، بورا بازىرىغا... دەپلا سورىساق، تۇغقانلارنىڭ ئۆيىنى ئاسانلا تېپىۋالاتتۇق. ھازىر، ھەي...
ھازىر شەھەرلەردە مۇشۇنداق كۈلكىلىك دىئالوگلار داۋاملىق دېيىلىپ تۇرىدىغان بولدى. ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئىسمىنى ھېلىغۇ سەھرادىن كەلگەنلەركەن، شۇ شەھەردىكى ۋە شۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرىۋاتقان بىر قىسىم «قوش تىللىق» ئەمەس شەھەر ئاھالىلىلىرىمۇ توغرا دېيەلمەيدۇ.
مەن ناھىيىمىزدە نۇرغۇن ئولتۇراق بىنالار سېلىنغان ئولتۇراق رايونلارغا قاراپ باقسام، ئولتۇراق رايون نامى ئاساسەن دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا پەقەت خەنزۇچىلا يېزىلىپتۇ، ئۇيغۇرچىسى زادىلا يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئولتۇراق رايونلارنىڭ خەنزۇچە نامى ۋە ئۇيغۇرچە مەناسى شۇنداق چىرايلىق بولغىنى بىلەن، بەزى ئولتۇراق رايونلارنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلسا قاملاشمىغان مەنا چىقىدۇ. ئويلاپ قالدىم، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» ۋە «تىل-يېزىق قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىدا مىللىي ئاپتونومىيەلىك رايونلاردا يەر-جاي ناملىرى، ھەر خىل ۋېۋىسكا، شۇئار، ھۈججەتلەر ئىككى خىل يېزىقتا يېزىلىشى كېرەكلىكى ھەمدە قايسىسىنىڭ چوڭ ۋە ئۈستىگە، ئوڭ تەرەپكە يېزىلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەجىبا، قۇرۇلۇش سالغۇچى خوجايىنلار، قۇرۇلۇشنى باشقۇرغۇچى مەمۇرىي تارماقلار بۇ قانۇننى بىلمەمدىغاندۇ ھەم تىل-يېزىقنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بۇنداق ئىشلارغا نازارەتچىلىك قىلىپ تەرتىپكە سېلىپ تۈزىمەمدىغاندۇ؟ قۇرۇلۇش خوجايىنلىرى ياكى قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ئولتۇراق بىنا سالىدىغان چاغدا يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت نۇرغۇن كادىر كۈچى ئاجرىتىپ، ئاممىغا تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى ئىشلەپ كۆچۈرۈپ–چېقىش ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت، ھەتتا كۆڭۈلسىزلىك تارتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئامال قىلىپ بىنا سالىدىغان يەرنى بىكارلاپ تەييارلاپ بېرىدۇ. يەرلىك كادىر ۋە پۇقرالار ئاڭلىقلىق بىلەن بىنا سېلىشقا، قىسقىسى پۇل تېپىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتسا، قۇرۇلۇش سالغۇچىلار نېمىشقا قانۇنغا، يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئاۋامنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئولتۇراق رايون نامىنى شۇ يۇرت، شۇ بىنا سېلىنىدىغان جاينىڭ ئەزەلدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي نامىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا قويۇشقا ھەم ئۇيغۇرچە يېزىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ؟ بۇ خىل ناتوغرا ھادىسە بىزنىڭ ناھىيەدىلا ئەمەس، ھەممە يۇرتتا بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇ كىچىك ئىش ئەمەس، ھازىرقىدەك مەدەنىيلىك، ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى، فۇنكىسىيەلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ، مىللىي ھېسسىياتقا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تۈپتىن تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.