تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
«زەھەر،قىمار،شەھۋانىيلىق»قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بىرەيلى !

يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازار ئىگلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل ئېقىمدىكى ئېدىيەلەر ئۆز ئارا گىرەلىشىپ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە . مەن يىقىندا ئەتىراپىمىزدىكى «زەھەر، قىمار، شەھۋانىيلىق» تەك مۇشۇ خىل ناچار قىلمىشلارغا قارىتا مەلۇم تەشۋىقات تىزىسىدىن پايدىلىنىپ، شۇنداقلا ئۈزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى دوستلارنىڭ كۆرۈپ، ھەر بىر دوستنىڭ ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىسنى قۇشۇپ چاقىرىق قىلىپ ئەتىراپىمىزدا ئەشۇنداق «زەھەر، قىمار، شەھۋانىيلىق»قىلمىشلىرىنى، چىلىقتۇرۇپ قالغانلارنى توسۇپ، قايتۇرۇپ توغرا يولغا يىتەكلەشكە كۈچ چىقىرىشنى ئۈمۈد قىلىپ بۇ ماقالەمنى يوللۇدۇم !

ھەرقانداق ئادەم بەخىتلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، لىكىن ئۆزىنىڭ ھەممە ئارزۇسى ئەمەلگە ئىشىپ، ھەممە نەرسە تەل بولغاندا بەزى كىشىلەر قايمۇقۇپ قىلىپ چىقىش يۇلى تاپالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئيەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن «شەھۋانىيلىق، قىمار، زەھەر» قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ بەخىتلىك، گۈزەل تۇرمۇشى ۋەيران بولىدۇ. «زەھەر، قىمار، شەھۋانىيلىق» بولسا ئۆزىنىلا ۋەيران قىلىپلا قالماستىن ئائىلىنى، دۆلەتنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئاپەت يىلتىزى. بۇ ئاپەت يۇقۇپلا قالسا،ئاقىۋىتى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بولىدۇ، شەھۋانىيلىق ھىسىياتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، قىمار قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زەھەر جانغا زامىن بولىدۇ. قانچىلىغان بەخىتلىك ئائىلىلەر شۇ سەۋەبلىك ۋەيران بولۇپ كەتكەن، قانچىلىغان ئۇتۇق قازانغان كىشىلەر شۇ سەۋەبلىك قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن. نۇرغۇنلىغان ئەمەلى پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلاپ بەردى .

1]ئەگەر ئائىلىدە بىرەيلەنلا زەھەرگە ئۆگۈنۈپ قالغان بولسا، ئۇ ئائىلىگە ئوخشىماي قالىدۇ. يەنى ئۆز-ئۆزىنى نابۇت قىلىپلا قالماي، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ، ئائىلىسىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ، تۇققانلارنى يىراقلاشتۇرىدۇ. ھەتتا ئېغىر بولغاندا، ئۆلۈم ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2]ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىىش كۈچلىرىگە ئېغىر بوزغۇنچىلىق قىلىدۇ: زەھەر چەككەندە، ئالدى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ئىجتىمائىي بايلىققا ئېغىر زىيان سېلىش ۋە ئىسىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي مۇھىتنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق مۇھىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ .

3] زەھەر چىكىش قىلمىشلىرى جەمىئيەت ئامانلىقىنى قالايمىقان قىلىدۇ. زەھەر چىكىش قىلمىشلىرى ئېغىرلاشقاندا، تۈرلۈك قانۇنسىز جىنايى ھەركەتلەرنى پەيدا قىلىپ، جەمىئيەت ئامانلىقىنى قالايمىقان قىلىپ، جەمىئيەت ئامانلىقىغا ئېغىر تەھدىت ئىلىپ كىلىدۇ. «زەھەر، قىمار، شەھۋانىيلىق» خۇددى «زەھەرلىك ئۆسمە» گە ئوخشاش بەخىتلىك تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. ئەگەر ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا قەتئىي چەكلىمىسەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەيلى تۇققاندارچىلىق مۇھەببىتى، دوستلۇق مۇھەببىتى ۋە ياكى باشقا مېھىر-مۇھەببەت بولسۇن «زەھەر، قىمار، شەھۋانىيلىق» تەرپىدىن نابۇت قىلىدۇ. شۇڭا دوستلا گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنىمۇ ئاسىراپ، «زەھەر، قىمار، شەھۋانىيلىق» تىن يىراق تۇرۇشقا ھەممە بىردەك كۆڭۈل بۈلەيلى !

ئەسكەرتىش :ــــ ئەتىراپىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش يامراپ كىتىۋاتىدۇ، ئەيدىس ۋىيروسى(HIV بۇ خىل ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى بولسا :   تۈۋەندىكىچە بۇلۇپ،

(HIV)يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىسپېرمىسى، قېنى، جىنسىي يول ئاجىرالمىلىرى ۋە سۈتى تەركىبىدە ساقلىنىپ، ۋىرۇسلۇق تەن سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۆتۈشۈش ئارقىلىق يۇقىدۇ.

• جىنسىي مۇناسىۋەتتىن، يەنى قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت (گاندوننى توغرا ئىشلەتمەيي جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش) تىن يۇقىدۇ.

• قاندىن يۇقىدۇ. شىپېرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ، زەھەرنىتۇمۇردىن ئوكۇل قىلىش، تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.

• ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ. يەنى ھامىلىدار مەزگىلىدە تۇغۇت جەريانىدا ياكى ئېمىتىش ئارقىلىق يۇقىدۇ .

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر خىل ئەھۋال دوستلارنىڭ ئىھتىيات قىلىشى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە قوللىرى تەرلەيدىغان شۇنداقلا بىر خىل شىلىمشىق يىپىشقاقلىق سۇيۇقلۇق ئارقىلىقمۇ يۇقۇش مۇمكىنچىلىگى باركەن شۇڭا بىز قول ئىلىشىپ كۆرۈشىشكە ئالدىرماي، سالام-سائەت قىلغاندا قولىمىزنى كۆكسىمىزگە قۇيۇپ سالام قىلساق كىسەللىك يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز ...! 

 

 

ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ئۈچكۆۋرۈك كەنىتتە تۇرۇشلۇق

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن «ئاسېر»

2014-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز