تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مۇزىكا بايلىقى ۋە مۇزىكا تىلى

 ئۇيغۇرلار ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر ئىچىدە مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى ئەڭ كۆپ مىللەت. مۇزىكا بىر مىللەتنىڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە سەۋىيەسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. لېكىن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا ناھايىتى كۆپ چالغۇ ئەسۋابلىرى بايلىقىغا ئىگە بولۇشى ناتايىن. بەزى تەرەققىي تاپقان مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى بىر نەچچە خىل بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە چېلىپ كېلىۋاتقان دۇتار، تەمبۇر، راۋاب (قەشقەر راۋابى، قۇمۇل راۋابى، دولان راۋابى)، ساتار – غېجەك، قالۇن، خۇشتار، چاڭ، داپ، ناغرا، دۇمباق، سۇناي، كاناي، نەي، ساپايى قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن باشقا قەدىمدە پەنجىتار(بەش تارىلىق بەربەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، بەربەت(ئەگرى دەستىلىك بەربەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئۈچ تارىلىق بەربەت قاتارلىق 30 نەچچە خىل چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەن. تارىخىي ماتېرىياللار ۋە كۇچا مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى كۇچادا 28 خىل چالغۇ ئەسۋاب ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە پەنجىتار، بالىمان، ئۈچ تارىلىق بەربەت قاتارلىق 12 خىل چالغۇ كۇچادا كەشىپ قىلىنىپ، كۇچا مۇزىكىلىرىنىڭ ئانا چالغۇ ئەسۋابى قىلىنغان. بەربەت(پىپا)، گوجىڭ، شىڭ، قوڭغۇراق، مىس جاڭ قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن، بەزىلىرى غەربتىكى ئەللەردىن قوبۇل قىلىنىپ، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇلۇپ، كۇچا مۇزىكىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇپ، كۇچا چالغۇ ئەسۋابلىرى بايلىقىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. بۇلار بىزگە ئۇيغۇر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى بايلىقىنىڭ موللۇقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


   ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى بايلىقىنىڭ موللۇقى ۋە كۆپ خىللىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. مېنىڭچە، ئەينى زاماندا تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ تاكامۇللىشىشى ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىنتايىن باي ئاھاڭ، سادالارنى ئىپادىلەش ئېھتىياجى ۋە تەلىپىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. شۇ قەدەر كۆپ چالغۇ ئەسۋابلار بىرىكىپ بىر گەۋدە بولۇپ، پەدە، ئاھاڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، نازۇك، ئەۋرىشىم، جاراڭلىق، شوخ – ئويناق، مۇڭلۇق ھەم مەردانە، يېقىملىق، شادىيانە، كۆپ خىل ئۆزگىرىشلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇر 12 مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنياۋى مۇزىكا بايلىقىنىڭ بارغانسېرى بېيىپ، راۋاجلىنىپ، گۈللىنىپ، تاكامۇللىشىپ، دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولۇشى ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپ خىل بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

www.iz.la


   ھەر بىر چالغۇ ئەسۋابى ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا ئۆزىگە خاس ئورۇن تۇتۇپ، زۆرۈر بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى بىر – بىرىدىن تۆۋەن ياكى ئۈستۈن قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرسى ئالاھىدە رول ۋە قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئوخشاشمىغان تىل ۋە ئاۋازنى ئىپادىلەيدۇ. مېنىڭچە مۇزىكىنىڭ ئۆزى ئالاھىدە بىر خىل ‹‹تىل›› بولۇپ، ئۇ ئېغىز تىلىدا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئىنچىكە، نازۇك تۇيغۇ – ھېسسىياتنى دەل جايىدا ئىپادىلەپ، ئادەمدە بىر خىل سېزىم پەيدا قىلىدۇ. ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىدا ھاشىم ھاجى، زىكرى ئەلپاتتا، ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، داۋۇت ئاۋۇت ... قاتارلىق كۆپلىگەن يېتۈك سازەندىلەر ئۆتكەن، ئۇلارنىڭ دۇتار، غېجەك، تەمبۇر ۋە راۋاب بىلەن ئورۇنلىغان مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىغان ئادەم سېھرى كارامەت دۇنياسىغا ئەسىر بولۇپ، گاھىدا ئىختىيارسىز مۇڭلانسا، گاھىدا پىغانى ئۆرلەپ، قانلىرى قايناپ، تومۇرلىرىغا سىغماي ئويناقلىغاندەك ئىچ – ئىچىدىن ئاجايىپ بىر خىل لەززەتلىك سېزىم ھېس قىلىدۇ، گاھىدا روھلىنىپ، جانلىنىپ كېتىدۇ. ياش چاغلىرىمدا كۇچا ۋە ئۈرۈمچىدىكى بەزى نەغمە – ناۋا سورۇنلىرىدا بۇنداق سازلارنى ئاڭلىغانلارنىڭ ئىختىيارسىز باش لىڭشىتىپ، ياكى باشلىرىنى سېلىپ ئېغىر تىنىپ، خۇرسىنغان، ياكى مۇڭلىنىپ بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قېتىپ قېلىشقان چىرايلىرى، تىنىقلىرىدىكى ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بىلەن ھېسسىياتى – ھاياجىنىنى ئىپادىلىگەن كۆرۈنۈشلەرنى كۆپ كۆرگەن ئىدىم. مۇزىكا – نەغمە – ناۋانىڭ بۇنداق سېھرى كارامىتى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ‹‹نەۋادىرۇششۇ باب››(يىگىتلىق نادىرلىقلىرى) دىۋانىدىكى بىر غەزىلىدە تولىمۇ چىرايلىق ئىپادىلەنگەن: ئىز تورى www.iz.la
‹‹بۇ نەغمە ئېردىمۇ، يوق ئېرسە ئافەت، ئەي ھاپىز،
كى بەزىم ئەھلىغە سالدىڭ قىيامەت، ئەي ھاپىز.››
(بۇ نەغمىمىدۇ ياكى ئاپەتمۇ؟ ئەي ھاپىز، بەزمە سورۇنىغا قىيامەت سالدىڭغۇ، ئەي ھاپىز) copyright by www.iz.la
‹‹ئولۇستىن ئالدى ئوتۇڭ ھۇش، سەن سەلامەت بول،
گەر ئەتتى ئەلگە تەرىقى سەلامەت، ئەي ھاپىز.››
(ئاۋازىڭ خەلقنىڭ ئەس – ھۇشىنى ئالسىمۇ، لېكىن سالامەت يولىنى كۆرسەتتى، ساامەت بول ئەي ھاپىز) ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
‹‹نەچەكى نەغمەڭ ئېرور مۇستە قىمۇلەڭنەڭ تۇز،
ۋەلىك ئەلدىن ئالۇر ئىستىقامەت، ئەي ھاپىز.››
(ئەي ھاپىز، نەغمەڭ شۇنچە جايىدا، كۈيۈڭ تۇز، بىراق باشقىلارنى جايىدا تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدۇڭغۇ) ئىز تورى www.iz.la
   ھۈسەنجان جامى ئىشقى – زوقى بىلەن ‹‹ئەجەم››، ‹‹نىم پەدە››گە تەمبۇر چالغاندا، ئۇ گويا كۆز ئالدىمىزدا بىردىنلا رىۋايەتلەردىكى ئەۋلىياغا ئايلىناتتى، ئۇنىڭ بارماقلىرى، تارىغا چېكىلگەن ناخۇل تەمبۇرنىڭ سىم تارىلىرىنى تىلغا كىرگۈزۈپ سايرىتىپ، ئۇنىڭ جاراڭلىق ساداسى قەلبىمىزنىڭ سىرلىق ئوردىسىنى تىترىتەتتى، بىزدە تىل بىلەن ئېيتقۇسىز ئاجايىپ سېزىم پەيدا قىلاتتى. مانا مۇشۇنداق تۇيغۇ، ھېسسىيات دەل ھاياجانلىنىش بولۇپ، بۇنداق يايراش، پەيزى قىلىش، لەززەتلىنىش، ھۇزۇرىنى سۈرۈش، زوق – ھاياجان دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرلىق مەنەنى پەقەت مۇزىكىلا پەيدا قىلالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، چالغۇ ئەسۋابلىرىمىزنىڭ سېھرى كۈچكە باي تىلىنىڭ كارامىتى!

ئىز تورى www.iz.la


   مەن تاڭ دەۋرى شائىرلىرىدىن لى بەي، دۇ فۇ، لى چى قاتارلىقلارنىڭ ئون نەچچە پارچە شېئىرىنى تەرجىمە قىلغانىدىم. بۇ شېئىرلارنىڭ بەزىلىرىدە مۇزىكا پەيدا قىلىدىغان زوق – ھاياجان، پەۋقۇلئاددە تەسىر، ھاياجانلىق كەيپىيات ئاجايىپ ئىنچىكە ۋە تولىمۇ جانلىق ئىپادىلەنگەن: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ناخشا ئاڭلايدۇ، بىلمەيدۇ خەقلەر ئۇنىڭ زوقىنى،
ساز ئاۋازى بوراندەك قاپلار گويا يەر – جاھان.
بولار قۇشلار چاڭىلداپ سايرىغادەك ھەر ياندا،

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


قاخشال ئۈجمە، ئارچىنى سوققاندەك جۇت شىۋىرغان.
(لى چى ‹‹ئەن ۋەنشيەن چالغان بالىمان كۈيىنى ئاڭلاپ››) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   ئەمدى مۇنۇ مىسرالارغا قاراپ باقايلى:
كۈتتى ساھىبخان بۇ ئاخشام، يايرىدۇق مەي كەيپىدە،
ساز پىرى گۇاڭ لىڭ كېلىپ ساز چالدى ئېسىل پەدىگە.

www.iz.la


قاغىلار ئۇچماقتا پەس، چۆمگەن شەھەر ئاي نۇرىغا،
يەلپۈنەر تون، سوغ شامال، شاخلار قىرونىڭ تەكتىدە.
خۇش پۇراق شام يوپيورۇق، مىس مەشتە يالقۇنجايدۇ ئوت، بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كۆكسۇ، خانىش چيۇ دېگەن كۈي – پەدە چىقتى ئەۋجىگە.
ئاڭلىغان دەم سازنى كەتتى بارچە جان تىمتاس جىمىپ،
تىڭشىدى يۇلتۇز شالاڭلاپ، غەرق بولۇپ ساز پەيزىگە. (لى چى ‹‹كۈي››) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   مۇزىكىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجايىپ غايىۋى، بەلكى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىلاھى قۇدرەتكە ئىگە دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. مۇزىكىنىڭ تەسىر كۈچى شائىرنىڭ قەلبىدە پارتلاش ھاسىل قىلىپ، تۇغۇلغان بۇ گۈزەل مىسرالار مۇزىكا تىلىنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئېسىل بايانى بولۇشقا مۇناسىپ.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


   شۇنداق، مۇزىكا ئىنسان قەلبىنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ زىل، ئەڭ يېقىملىق بايانى. ئۇنىڭ سۈپەتلىرى يۇقىرىقى مىسرالاردا ئىپادىلەنگەندەك مەڭگۈ سىرلىق. مۇزىكا شۇ سەۋەبتىن تۇرمۇش بىلەن قان بىلەن گۆشتەك باغلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى سىردىشى، مۇڭدىشى بولۇپ كەلمەكتە. شۇڭا ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ھەر بىر قەدىمى مۇزىكىدىن ئايرىلغان ئەمەس، ئۇلار مۇزىكىنى ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ئۆز تۇرمۇشىغا سادىق ھەمرا قىلىپ كەلگەن. مۇزىكا ھايات كۆكلەپ تۇرغان جىمىكى تۇپراقتا بۇلۇڭ – پۇچقاقلارغىچە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئىنسانىيەت مۇزىكا غەزىنىسىنىڭ ئورتاق گۆھىرىگە ئايلىنىپ، ئارقا – ئارقىدىن دۇنياۋى قەدىر – قىممەتكە، شان – شۆھرەتكە ئېرىشكەن ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە مەشرەپلەر ئانا تۇپراق تەكتىگىچە سوزۇلغان ئوق يىلتىزلاردۇر.

ئىز تورى www.iz.la

 

مەنبە. جۇڭگۈ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىز تورى www.iz.la

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز