ئالما جۇڭگودىكى iPhone5s/5c غا قارىتا يېڭىلانغان iOS7.0.5 نى ئېلان قىلدى
IT ئائىلىسى تورىنىڭ 30-يانۋار خەۋىرى: ئالما شىركىتى iPhone5s/5c يانفونلىرىغا يېڭىلانغان iOS7.0.5 نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تىپتىكى يانفونلارنىڭ تورنىڭ ئالدىن تەڭشەپ قويۇش مەسىلىسىنى ھەمدە FaceTime سۆزلىشىش كاشىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان bug نى تۈزىتىشنى مەقسەت قىلغان.
ئالما شىركىتى يېڭىلاش چۈشەندۈرۈشىدە:«جۇڭگودا سېتىلغان قسىمەن iPhone5s ۋە iPhone5c يانفونلىرىنىڭ تورى ئالدىن تەڭشەپ قويۇش مەسىلىسى تۈزىتىلدى» دېيىلگەن. يېڭىلانغاندىكى چوڭ-كىچىكلىكى 35.4MB.
بۇ قېتىمقى «Build 11B601» يېڭىلىنىشى پەقەت جۇڭگو بازىرىدا سېتىلغان قىسمەن iPhone5s ۋە iPhone5c يانفونلىرىغا قارىتىلغان.
iPhone 5s:
• A1457 UK/Europe
• A1528 China
• A1530 Asia Pacific
iPhone 5c:
• A1507 UK/Europe
• A1526 China
• A1529 Asia Pacific