گەرچە ھارۋىغا قوشۇلغان ئىككى ئاتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى زىيادە ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ، ھەر ئىككىلىسى ھارۋىنى ئۆز نىشانى، مەنزىلىگە قاراپ سۆرىگەچكە،ھارۋا ئۇزاققا بارمايلا كۆمتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، ئىككى ئاتمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ، ھارۋىغا قوشۇلغان ئىككى ئاتنىڭ نىشانى، مەنزىلى ئوخشاش بولغاندىلا، مەنزىلگە ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالايدۇ، ئاتلارمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ.
ئائىلە «بىر قولدىن چاۋاك، پۇختا ئىشتىن كاۋاك» چىقمىغاندىلا روناق تاپىدۇ، گۈللىنىدۇ، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. تۇرمۇش، نىكاھ يۈك بېسىلغان ھارۋىغا، ئەر-ئايال ئەنە شۇ ھارۋىنى سۆرەيدىغان ئاتقا ئوخشايدۇ.
دېمەك،ئەر-خوتۇندىن ئىبارەت بۇ ئىككى «ئات» تا «بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىش» تەك بىرلىك ـــ ئۆملۈك، چۈشىنىش ئاساسىدىكى ئىشەنچ بولغاندىلا، كۆزلىگەن مەنزىلگە مەردانىلەرچە قەدەم قويالايدۇ ھەمدە بەخت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. ناۋادا ھەر ئىككىلىسى ھارۋىنى ئۆز خىيالى بويىچە سۆرىسە، مەسئۇلىيەتچان ئەر-ئاياللاردا بولىدىغان ھۆرمەت، ئىشىنىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويسا، بۇ ئائىلىدە مۇھەببەتتىن نەپرەت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولىدۇ ــ دە، تۇرمۇشى كۆڭۈلسىزلىككە يۈزلىنىدۇ.
تۇرمۇش ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا گۈزەل رەسىملەرنى سىزغىلىمۇ بولىدۇ؛ تۇرمۇش ئېتىزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا سەرخىل زىرائەتلەرنى تېرىپ، ھوسۇل ئالغىلىمۇ ياكى تاشلاندۇق يەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغىلىمۇ بولىدۇ.
تۇرمۇشقا توغرا قارىغان، تۇرمۇشنى چۈشەنگەن پەزىلەتلىك ئەر-خوتۇنلار ئائىلىۋى بەختتىن لەززەتلىنىش ئۈچۈن بىر نىيەت ــ بىر مەقسەتتە ئورتاق كۈچ چىقارغاندىلا، بۇ ئائىلە گۈل-چېچەككە پۈركىنىدۇ.
«قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى