تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (17)
يوقالغان گۆرۈ پۇلى
تام تۇتۇپ كېتىلدى، ئۇنى تۇتۇپ كەتكەنلەر ئۇنىڭ خوتۇنىدىن ئىككى مىليون دوللار تەلەپ قىلدى ھەمدە پۇلنى كەچ سائەت ئوندا مەركىزىي باغچىدىكى مىس ھەيكەلنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ ئايالى گۆرۈگە ئالغانلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئىككى مىليون دوللار پۇلنى قارا چامادانغا سېلىپ، مەركىزىي باغچىدىكى مىس ھەيكەلنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ چاماداننى قويۇپلا كەتتى. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى سائەت سەككىزدىلا باغچىغا يوشۇرۇنۇپ جىنايەتچىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. سائەت 12 ئەتراپىدا پوپايكا كىيگەن بىر ياش ئايال كېلىپ، چاماداننى ئېلىپ دەرھال باغچىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئايال باغچىدىن چىقىپلا شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان تاكسىغا ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى، مۆكۈپ ياتقان ساقچىلار دەرھال ئىزىغا چۈشتى.
تاكسى ۋوگزالغا كېلىپ توختىدى. ھېلىقى ئايال چاماداننى ساقلاشقا بېرىۋېتىپ، قۇرۇق قول ھالدا پويىز سۇپىسىغا قاراپ كەتتى. ساقچىدىن بىرى چاماداننى كۈزىتىپ بۇ يەردە قالدى، يەنە بىرسى ئۇ ئايالغا ئەگەشتى. ئايالنىڭ شېرىكلىرى كېلىپ پۇلنى ئېلىپ كېتىشكىچە بولغان ئۈچ سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى نەرسە كېرەك ساقلىغۇچىلارغا بۇيرۇق قىلىپ، ئىشكاپنى ئاچقۇزدى، چامادان قۇرۇق ئىدى! ئىككى مىليون پۇل قانات چىقارماي ئۇچۇپ كەتكەنىدى.
گۆرۈ پۇلىنى كىم، قاچان، قايسى ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ كەتكەن؟
رازۋېدكا ھېكايىلىرى (16) نىڭ جاۋابى: جىنايەتچى زېشننىڭ ماشىنىسىنىڭ تۆت چاقىنى چىقىرىپ دېلو سادىر قىلغان، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن چاقلارنى يەنە ئۆز جايىغا سېلىپ قويغان.