شىنجاڭ تورى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ «2015-يىللىق ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق 3 رايوندىكى ئالىي مەكتەپ بازار ئېچىشتا رىقابەتلىشىش ۋە ئىقتىدارلىقلارنى تاللاش مۇسابىقىسى» نى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، خادىم تاللاش مۇسابىقىسى شىنجاڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، يېمەك-ئىچمەك، مېھمانساراي، ئۆي-مۈلۈكچىلىك ۋە باشقا ساھەلەردىكى سېتىش، مەدەنىيەت، ساياھەت تەشۋىقاتىدىكى يېڭىلىق يارىتىپ بازار ئېچىش قاتارلىق 4 ئاساسلىق تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرىدا سېتىشتىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ماھىرلار تاللاپ چىقىلىدىكەن ۋە تېگىشلىك مۇكاپات ۋە ماركېتىڭ خادىم گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە مۇسابىقە دەسلەپكى تەستىقلاش باسقۇچىدا بولۇپ، تىزىملىتىش 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تېخى خىزمەتكە ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ياكى ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق ھەقسىز تىزىملاتسا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دەسلەپكى تاللاشتىن ئۆتكەنلەر 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تەربىيەلىنىپ، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئەمەلىي مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارزۇسى بارلار شىنجاڭ ماركېتىڭ جەمئىيىتى تورى (www.xjmarketing.com.cn) غا كىرىپ، بازار ئېچىش ئىقتىدارلىقلارنى تاللاش مۇسابىقىسى QQ توپىغا (525485681) قوشۇلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ مەكتەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسى ياكى ئىتتىپاق كومىتېتى ئىشخانىسىدا كوللېكتىپ تىزىملاتسا بولىدىكەن.