تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بەرەڭگە ئۈستىلىمىزدىكى ئاساسلىق تائامغا ئايلىنىشى مۇمكىن

گېرمانىيە «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ 15- يانۋاردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە، ئەسلى تېمىسى «تاتلىق ۋە چۈچۈمەل بەرەڭگە»، نۇر تورى تەرجىمىسى: جۇڭگولۇقلار پەقەت گۈرۈچ تامىقىلا يەيدۇ دەپ قالماڭ، بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى كىشىلەر يەنە خېمىر تامىقىنىمۇ ياقتۇرۇپ يەيدۇ، ئەمما جۇڭگولۇقلار بەرەڭگىنى ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ھازىرغا قەدەر، بەرەڭگە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۈستىلىدە ئاساسلىق تاماق ئەمەس، بەلكى كۆكتات بولۇپ كەلمەكتە.

ھازىر بۇ ھالەت ئۆزگەرتىلمەكچى. نەچچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بەرەڭگىنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.

مەززىلىك تائام نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ئىلگىرىلەشمۇ ياكى چېكىنىشمۇ، بۇ ھېچ بولمىغاندا بىر كىچىككىنە مەدەنىيەت ئىنقىلابى. ھۆكۈمەتنىڭ لايىھەسىگە ئاساسەن، جۇڭگودىكى بەرەڭگە تېرىلغۇ كۆلىمى ھازىرقى بەش مىليون 300 مىڭ گېكتاردىن بىر ھەسسە كۆپەيتىلىدۇ، ھەر بىر گېكتار بەرەڭگىنىڭ ھوسۇلىمۇ 30 توننىغا يەتكۈزۈلىدۇ.


بېيجىڭنىڭ بۇنداق قىلىشىدا سەۋەب بار. جۇڭگو دۇنيادىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ 10 دىن بىر قىسمى ئارقىلىق دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى باقماقتا، ھەمدە جۇڭگودىكى نوپۇس ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. مۆلچەرلىنىشچە، 2030- يىلى جۇڭگونىڭ نوپۇسى بىر مىليارد 500 مىليونغا يېتىدىكەن. بۇ ئەھۋال يىراق شەرقتىكى بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ ھەر يىلى 100 مىليون توننا ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىددەتلىك شەھەرلىشىشمۇ تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆلىمىنى ئازايتىۋەتمەكتە. جۇڭگودا ھازىر يەنە بايلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە. شال ۋە بۇغداي تېرىشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان سۇنىڭ نىسبىتى بەرەڭگە تېرىغانغا سېلىشتۇرغاندا خېلى كۆپ، ئەمما ھەر بىر گېكتار بەرەڭگە تەمىنلەيدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى شال ۋە بۇغداينىڭكىدىن يۇقىرى.

ھۆكۈمەت بەرەڭگىنى ئاساسلىق ئوزۇق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان، ھەمدە بەرەڭگىنىڭ بازاردا «ئالاھىدە ھوقۇق» قا ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتماقتا، ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇنىڭ ئىچىدە بەرەڭگە تېرىيدىغان دېھقانلارمۇ بار. «ھازىر بەرەڭگە تەمىناتى ھېلىھەم ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولماقتا، پۇل تاپقىلى بولمايدۇ.» دېدى خېبېيدىكى بىر دېھقان. جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، بەرەڭگە مازاق ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى.


گەرچە بەرەڭگىنىڭ جۇڭگودىكى «مەستانىلىرى» ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىسمى بار، ئۇنىڭدىن يەنە تۈرلۈك مەززىلىك تائاملار تەييارلىنىدۇ. ھازىر جۇڭگو تاراتقۇلىرى «بەرەڭگە ھۇجۇمى» نى كۈچەيتىپ، بەرەڭگىنىڭ ئاسان ئۆسىدىغانلىقى، ساقلاشقا ئوڭايلىقى، تەملىكلىكى ۋە ئادەمنى ئۇرۇقلىتىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەززىلىك تائام پروگراممىسىدا تەۋسىيە قىلىنغىنى «كومىلاچ توخۇ گۆشى قورۇمىسى» ئەمەس بەلكى «كومىلاچ بەرەڭگە قورۇمىسى» دۇر. بىر گېزىتتا «بەرەڭگە: مەن ئاساسلىق تائام بولۇشقا تولىمۇ لاياقەتلىك» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى. يەنە بىر گېزىتتا بولسا بەرەڭگە يېگەندە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى، ھەتتا كۆز خالتىسىنى يوقاتقىلى بولىدىغانلىقىدەك ياخشى تەرەپلەر خەۋەر قىلىندى.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز