ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
شۇڭا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسلەر يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: تىز بوغۇمى يۇمشاق توقۇلمىلىرى ئىچىدىن زەخىملەنسە، شۇنداقلا ئىچ تەرەپتىكى سۆڭەك 2-دەرىجىدە زەخمە يېگەن بولسا، كېسەل تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ كۆمۈرچەك ۋە سۆڭەكمۇ زەخمىلەنسە، كارىۋاتتىن چۈشمەي يېتىپ داۋالىنىشنىڭ پايدىسى يوق، ھەتتا بۇ زەخىم يېگەن يارىنىڭ ساقىيىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: گەپنىڭ نېگىزىنى قىلغاندا، تېز بوغۇمى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم مۇۋاپىق چېنىقىپ بەرمىسە، سۆڭەك يىگلەش ياكى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كېسەلنى ساقايتىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى ئاغرىققا چىداپ چېنىقىش. دېمەك، سۆڭەك يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىمۇ چېنىقىش، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى.