سىرلىق G نوقتا
G نوقتا يەنە جىنسىي پەللە نوقتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇقۇمنى 1944-يىلى گىرمانىيىلىك ئاياللار ۋە تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرى گرافېن بېرگ (Grafen berg) ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ جىنسىي يولى ئىچكى دىۋارىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى 1نەچچە سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا، تىرناق چوڭ كىچىكلىكىدىكى بىر دائىرە بولۇپ، بۇ ئورۇنغا غىدىقلاش بېرىلسە، ئاياللارنىڭ جىنسىي پەللىگە يېتىشىگە ياردەمدە بولىدىكەن.
ھازىرقى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، G نوقتا ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى بىلەن جىسنىي يولى ئارىسىدا بولۇپ، جىنسىي يول ئېغىىزىدىن 2-3 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئالدى دىۋارىغا جايلاشقان. بۇ نوقتىنى تۇتقاندىكى سېزىم ئەتراپىدىكى سىيلىق جىنسىي يول شىللىق پەردىسىنى تۇتقاندىكى سېزىم بىلەن پەرقلىنىدۇ. لېكىن، ھەر-بىر ئايالنىڭG نوقتىسىنىڭ كونكېرت ئورنىدا بەلگىلىك ئوخشىماسلىق بولۇشى مۇمكىن.
جىنسىي غىدىقلىنىشتىن بۇرۇن، بۇ نوقتىنىڭ دائىرىسى پەقەت پۇرچاق چوڭ كىچىكلىكىدە بولىدۇ، جىنسىي غىدىقلانغاندا بولسا كۆپۈشۈپ ئاسانلا تۇتۇپ بىلگىلى بولىدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ. G نوقتىدىكى توقۇلمىلار جىنسىي ھاياجاننى كۈچەيتىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا ئاجىرىتىپ چىقىرىشى مۇمكىن. G نوقتىغا سۈركىلىش بېرىلسە ئاياللار جىنسىي پەللىگە يېتەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە جىنسىي تۇرمۇشقا بولغان رازىمەنلىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
لېكىن G نوقتىغا زىيادە «چوقۇنۇپ» كېتىشمۇ توغرا ئەمەس، ئۇنداق بولمىغاندا، G نوقتىنى ئىزدەشكە ئارتۇقچە بېرىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي لەززەتكە سەل قارىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، G نوقتا بىلەن جىنسىي پەللە ئىككىسى ئىككى نەرسە، جىنسىي پەللە دىگىنىمىزدە، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدىكى تەن ۋە روھنىڭ ئېرىشكەن لەززەتكە بولغان ئىنكاسىنى كۆرسىتىدۇ، تەكىتلىنىدىغىنى روھىيەت ۋە جىنسىيەتنىڭ بىرىكىشى. ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى G نوقتىنى تېپىش ۋە غىدىقلاشنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، G نوقتا ھەممە ئاياللاردا ئورتاق مەۋجۇت بولىۋەرمەيدۇ، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت %10 تىن %40 كىچە بولغان ئاياللاردىلا G نوقتا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنكەن. ھەر-بىر كىشىنىڭ جىنسىي سەزگۈ ئورۇنلىرىدا ئوخشىماسلىق بولىدۇ، بىر ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ياش قۇرام مەزگىلى، ھەتتا فىزىئولوگىيىلىك دەۋرىنىڭ ئوخشىمىغان بۆلەكلىرىدە، جىنسىي سەزگۈرلىكىدە كۆرۈنۈرلىك ئوخشىماسلىقلار پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئەرلەر بىلىۋېلىش كېرەككى، ھەر-بىر ئايال بىردىنبىر خاسلىققا ئىگە بولىدۇ، جىنسىي لەززەتكە ئېرىشىش شەكلىدىمۇ خاس ئۆزلۈككە ئىگە بولغان بولىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى بىزنىڭ جىنسىي تۇرمۇشتىن تېخىمۇ ياخشى بەھىرلىنىشىمىزگە ياردەمدە بولىدۇ خالاس، ھەرگىزمۇ جىنسىي تۇرمۇشقا مەلۇم چەكلىمە ۋە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مەركىزى تەييارلىدى.